مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ھەممىلا ئادەم سۇ ئۈزۈشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ

    مەۋلۇدە2017-05-02 15:44:14تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     سۇ ئۈزۈش كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىغا ئايلاندى. چوڭلار، بالىلار، ھەتتا بوۋاقلارمۇ سۇ ئۈزىدۇ، چۈنكى كىشىلەر بۇنى ناھايىتى ياخشى چېنىقىش ھەرىكىتى، دەپ قارايدۇ. لېكىن سۇ ئۈزۈش ھەممىلا ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ.

     بەزى سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىنىڭ سۈيى سوغۇق بولۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئۈزۈشىگە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ قان تومۇر ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. قان ئايلىنىشى ناچارلار بۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ.

     تېرە كېسىلى بىمارلىرى، بويۇن ئومۇرتقا ياللۇغى بىمارلىرى، بوغۇم ياللۇغى بىمارلىرى سۇ ئۈزۈشكە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى سۇ ئۈزۈش سەۋەبلىك شامالدارىش ئۇلارنىڭ كېسىلىنى قوزغايدۇ ياكى كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. كۆپلىگەن ئادەم قىشتا سۇ ئۈزۈشنى بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ جاننى دوغا تىككەنلىك ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ بەدىنى ئاجىز، كېسەلچان كىشىلەرنىڭ قىشتا سۇ ئۈزۈشىگە قەتئىي بولمايدۇ.

    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.