مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار

    ئادەم بەدىنىدىكى ‹‹كىملىك››لەر

    ئامانگۈل2017-04-28 17:04:36شىنجاڭ گېزىتى

     ئالىملار ئادەم بەدىنىدىكى كۆز، كالپۇك، چوڭ مېڭە، قان قاتارلىقلاردىمۇ ئالقان سىزىقچىلىرىغا ئوخشاش ‹‹كىملىك›› بارلىقىنى بايقىدى.

     كۆز سىزىقچىلىرى: ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىدىكى كۆرۈش تور پەردىسىدىكى سىزىقچىلارنى كۆرسىتىدۇ، ئادەمنىڭ كۆزىدىكى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇنىڭدىكى سىزىقلارمۇ ئوخشىمايدۇ.

     كالپۇكتىكى سىزىقچىلار: كالپۇكتىكى سىزىقچىلار ئادەم لېۋىنىڭ شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سىزىقچىلارمۇ بىر – بىرىگە تۈپتىن ئوخشاشمايدۇ.

     مېڭە سىزىقچىلىرى: مېڭە سىزىقچىلىرىنى ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق تەكشۈرگىلى بولىدۇ، مېڭە سىزىقچىلىرى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي يېشىنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ.

     ئاۋاز پەردىسى سىزىقچىلىرى: ئادەم بەدىنى ئاۋاز چىقىرىش ئەزالىرىدىكى كىچىككىنە پەرقلەر، ئادەمنىڭ يېشى، تىل ئادىتى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ئادەمنىڭ ئاۋاز پەردىسى سىزىقچىلىرىمۇ ئوخشىمايدۇ.

     قاندىكى سىزىقچىلار: ئادەم قېنىدىكى ئوخشاش فۇنكسىيەلىك فېرمېنتلار پولىمورفىزملىق ئاقسىل ئېلىپ يۈرۈيدىغان ئېلېكتىرونلۇق زەرەت مىقدارى ۋە ئېلېمېنتلارنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ئوخشىمىغاچقا، ئېلېكتىر ئىمپۇلسى تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەن چوڭ – كىچىك چەمبەرلەردىن ئېلېكتىر ئىمپۇلسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، مانا بۇ دەل قاندىكى سىزىقچىلاردۇر، قان سىزىقچىلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى 75 مىڭدە بىر پىرسەنت بولىدۇ، شۇڭا، بۇ سىزىقچىلارنى ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ‹‹كىملىك›› دېيىشكە بولىدۇ.

    پاتىمە سەمەت تەييارلىغان

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.