مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    سالامەتلىككە زىيانلىق ئادەتلەر

    ئامانگۈل2017-04-28 16:59:32شىنجاڭ گېزىتى

     كۈندىلىك تۇرمۇشتا كېچىكىپ ئورنىدىن تۇرۇش، ناشتا قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەسلىك، ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قېلىش دېگەندەك ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا ‹‹ئەرلەر ساغلاملىقى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە ئەگەر ئەتىگەندە تۆۋەندىكىدەك بەش تۈرلۈك ئىشنى قىلغاندا سالامەتلىككە زىيان يېتىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

     سەھەردىكى قۇياش نۇرىنى قولدىن بېرىپ قويۇش. نۇرغۇن ئادەم چۈشتىن بۇرۇن ئىشخانىدا ئىشلەيدۇ تاكى چۈشلۈك تاماق يېگۈچە ئورنىدىن تۇرماي ئىشخانىغا بېكىنىۋالىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەھەردىكى قۇياش نۇرىنى قولدىن بېرىپ قويغاندا بەدەننىڭ سۈپەت كۆرسەتكۈچىگە دەخلى قىلىدىغانلىقى، ھەر كۈنى سەھەردە قۇياش نۇرىغا قاقلانغان ئادەمنىڭ سائەت 12 دىن كېيىن قۇياش نۇرىغا قاقلانغان ئادەمدىن بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، ئاسان سەمرىپ كەتمەيدىغانلىقى بايقالغان.

     ناشتا قىلماسلىق. ناشتا قىلمىغاندا بەدەن پۈتۈن بىر كۈن سۇ كەمچىل بولۇش ھالىتىدە تۇرىدىكەن. فىرانسىيەنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىدا، بەدەندە سۇ كەمچىل بولغاندا ئادەم ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقى ۋە چارچاش ھېس قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان.

     ئاچ قورساق ھەرىكەت قىلىش. ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا، ئەتىگەندە ناشتا قىلماي چېنىقسا ياكى ئېغىر ھەرىكەت قىلسا، كۈنبويى ئىچى تىتىلدايدىغان ۋە بېشى قېيىپ ماغدۇرسىزلىنىغان بولۇپ قالىدىكەن.

     يېتەرلىك ئاقسىل قوبۇل قىلماسلىق. ناشتىدا يېتەرلىك ئاقسىل قوبۇل قىلىش كېرەككەن، چۈشلۈك تاماق ياكى كەچلىك تاماقتىلا ئاقسىل تولۇقلاپ، ناشتىدا ئاقسىل تولۇقلاشقا دىققەت قىلمىغاندا مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولىدىكەن.

     يول ئۈستىدە غەزەپلىنىش. ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قېلىشىدىن، تۇرمۇش ۋە خىزمەت بېسىمىنىڭ زورىيىشىدىن تېرىكىدىغان، چېچىلىدىغان ئادەملەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئەگەر ئادەم ئەتىگەندە ئىشقا بېرىش يولىدا ئاپتوموبىل توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن چېچىلسا، شۇ كۈنىدىكى كەيپىياتى ناچار بولۇپلا قالماي، تۇرمۇش سۈپىتىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدىكەن.

    مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.