مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا سىڭدۈرۈش زۆرۈر

    ئامانگۈل2017-04-28 16:50:47شىنجاڭ گېزىتى

    نۇرزادەم تۇرسۇن

     ھەرقايسى دەرسلەرنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش تېخىمۇ مۇھىم. ئېلىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت تارىخى ئۇزاق، گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، تېما دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى بىلەن دۇنيا گۈزەل سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي خاسلىققا ئىگە بولغان ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرىمۇ ئۆزگىچە پۇرىقى بىلەن ئېلىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت گۈلزارلىقىدا جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.

     ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا مانا مۇشۇنداق كۆپ مەنبەلىك، رەڭگارەڭ گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت مەدەنىيىتى ۋە بايلىقىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىمىزنىڭ پارلاق ۋە مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ياراتقانلىقىنى، ھەر قايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش كېرەك.

     دەرسلىك كىتابقا جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ مۇنەۋۋەر ماي بوياق، تېز سىزما، سۇ بوياق رەسىملىرى كىرگۈزۈلگەن. بولۇپمۇ شۈ بىيخۇڭ، چى بەيشى قاتارلىق داڭلىق ئۇستازلارنىڭ دەرسلىككە كىرگۈزۈلگەن مۇنەۋۋەر جۇڭگوچە رەسىم ئۈلگىلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىلا ئەمەس، ئوقۇغۇچىلارنىمۇ بەكلا جەلپ قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلار جۇڭگوچە رەسىملەرنىڭ ئېلىمىزغىلا خاس بولغان بىر خىل ئالاھىدە ژانىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، بۇ رەسىملەردە ئىپادىلەنگەن تۈرلۈك ئادەم، ھايۋانات، ئۇچارقۇش، مەنزىرە، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نوقۇل ھالدىكى بىر پارچە رەسىملا بولۇپ قالماستىن بەلكى، ئۇنىڭدا ئاپتورلارنىڭ ۋەتەنگە، خەلققە بولغان ۋاپادارلىقى، ئانا ۋەتەننىڭ تاغ – دەريالىرىغا، گۈل – گىياھلىرىغا بولغان كۈچلۈك مېھىر – مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلغانلىقىنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش كېرەك. بۇنداق بولغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدىن كۈچلۈك ئىلھام ۋە مەدەت ئېلىپ، ئۆزىنى ۋەتەننىڭ ئىشلىرىغا بېغىشلايدىغان گۈزەل غايە تىكلىشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

     گۈزەل سەنئەت دەرسىنىڭ نوقۇل ھالدىكى رەسىم سىزىپ، شەكىل ياساشلا بولماستىن بەلكى، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ – ئادىتى، مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى، ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشنىڭ بىر پۈتۈن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە بىلىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يانداشما دەرسلىك ماتېرىياللىرى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغاندىن كېيىنكى ئالەمشۇمۇل زور تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى ۋە شانلىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپرەك كۆرسىتىپ، سىزدۇرۇش بىلەن بىللە، سىنىپ، كارىدورلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇن قىلىنغان، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىگە ئائىت ئىلغار تىپلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ئوبرازلىق تەسۋىرلەنگەن رەسىم، ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى چاپلاش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ۋاسىتىلىك ھالدا تەسىر كۆرسىتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلاردا گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە دىققەت قىلىدىغان، بىر پۈتۈن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىدىغان ئاكتىپ روھىي ھالەتنى شەكىللەندۈرگىلى، ۋەتەننىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ۋەتەن ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادىسى ۋە غايىسىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

     ئوقۇغۇچىلارنى ئەمەلىي دەرس جەريانىدا، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداش، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا ئائىت تېز سىزما، ماي بوياق، ھۆسنخەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشقا تەشكىللەش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى يىل بايرىمى، نورۇز بايرىمى، بالىلار بايرىمى، ‹‹1 – ئىيۇل›› پارتىيە بايرىمى، دۆلەت بايرىمى قاتارلىق تۈرلۈك بايرام، خاتىرە كۈنلەردە مەكتەپ بويىچە كەڭ كۆلەملىك گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈش، مودېل ياساش، مەلۇم تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ئەسەر ئىجاد قىلىش مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇلغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ۋاقتىدا تەقدىرلەش، مەكتەپ مۇزېيخانىسىدا ساقلاشقا ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا تەبىئىيكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتقىلى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، كەلگۈسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك گۈزەل سەنئەت خادىملىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا كۈچلۈك ئىدىيەۋى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.