مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار

    پەن -تېخنىكا كەشپىياتلىرىنىڭ ياردەمچىسى

    ئامانگۈل2017-04-25 11:50:39شىنجاڭ گېزىتى

      سىز چىۋىننىڭ يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق كەشپىياتلارنىڭ ياردەمچىسى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئىنسانىيەتنىڭ كۆپ خىل پەن – تېخنىكا كەشپىياتلىرى چىۋىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

     ئالەم كېمىسى كابىنىسىنىڭ ئىچىدە ھاۋانىڭ تەركىبىنى ئانالىز قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھاۋا ئانالىزاتورى بولىدۇ. ئالىملار بۇ نەرسىنى چىۋىننىڭ پۇراق رېتسېپتورىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن ياساپ چىققان. چىۋىننىڭ بۇرنى يوق بولۇپ، پۇراقنى سەزگۈر پۇراق رېتسېپتورىغا يەنى بېشىدىكى بىر جۈپ ئۇزۇن بۇرۇتىغا تايىنىپ پۇرايدۇ. بۇ خىل پۇراق رېتسېپتورىنى چۆكمە پاراخوت ۋە قۇدۇق ئاستىدىكى زەھەرلىك گازلارنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

     ئايروپىلان، پاراخوت ۋە راكېتالاردا يول باشلىغۇچ بولمىسا بولمايدۇ، بۇ نەرسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىمۇ چىۋىندىكى تەبىئىي يول باشلىغۇچ يەنى چىۋىننىڭ كەينى تەرىپىدىكى بىر جۈپ قاناتتىن كېلىدۇ. چىۋىن ئۇچقاندا يۆنىلىشتىن قېيىپ كەتسە كەينى قاناتتىكى رېتسېپتور دەرھال سېزىۋالىدۇ ھەم چوڭ مېڭىگە ئۇقتۇرىدۇ، چوڭ مېڭە تېزلىكتە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى توغرىلايدۇ. ئالىملار بۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن تەۋرەنمە گىرىسكوپنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان.

     چىۋىندە ھەرە كۆنىكىسىمان مۇرەككەپ كۆز بار بولۇپ، ئالىملار ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، چىۋىننىڭ كۆز قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدىغان ‹‹چىۋىن كۆزى فوتو ئاپپاراتى››نى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇنىڭ كامېرا لېنزىسى 1329 پارچە كىچىك لېنزىدىن تۈزۈلىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا 1329 پارچە سۈرەت تارتالايدۇ.

    كىشىلەر چىۋىننىڭ يۇقىرى ئۇچۇش ماھارىتىگە تەقلىد قىلىپ ماشىنا چىۋىننى ياساپ چىقتى. كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشىلانغان ماشىنا چىۋىنلەر مۇھىت تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرىدۇ.

    ئېرفانجان ياسىن تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.