مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار

    مارس ھەققىدىكى قىزىقارلىق ئىشلار

    ئامانگۈل2017-04-11 17:28:11شىنجاڭ گېزىتى

     1.مارسنى كىم بايقىغان؟

    مارسنى ئەڭ ئاۋۋال كىمنىڭ بايقىغانلىقىنى ئېنىقلاش تەس، چۈنكى نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار كۆزى بىلەنمۇ بۇ سەييارىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ، 1609 – يىلى ئىتالىيە ئاسترونومى گالىلېي ئىپتىدائىي تېلېسكوپ ئارقىلىق مارسنى كۆزەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ‹‹ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىش ئاتىسى›› دەپ ئاتالغان. 1659 – يىلى گوللاندىيە ئاسترونومى كرىستىئان ھۇيگېنس تېخىمۇ ئىلغار تېلېسكوپ ئارقىلىق مارسنى كۆزەتكەن ھەم رەسىمىنى سىزىپ چىققان.

      2.مارستا ئادەم يەڭگىللەپ قالىدۇ

    چۈنكى مارس يەر شارىدىن كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ تارتىش كۈچىمۇ يەرشارىدىكىدىن %62.5 كىچىك بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن يەر شارىدىكى 100 كىلوگىراملىق ئادەم مارسقا چىقسا، 38 كىلوگىرام بولۇپ قالىدۇ.

     3. قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى مارستا

     مارستا ئولىمپاس تېغى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قالقان شەكىللىك تاغ بار بولۇپ، چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى جۇمالاڭما چوققىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ، يەنى 22 كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدىكەن، دىيامېتىرى 600 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئۇ تاغ ھازىرمۇ ھەرىكەتچان ھالىتىنى ساقلاۋېتىپتۇ.

     4.مارستىكى بىر يىل

     بىر مارس يىلى 687 يەر شارى كۈنىگە تەڭ بولۇپ، مارستىكى بىر كۈن يەر شارىدىكى بىر كۈندىن 40 مىنۇت ئارتۇق ئىكەن.

     5. مارسنىڭ يەنە بىر قېتىم يېقىنلىشىشى

     2003 – يىلى مارس 60 مىڭ يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بولغان 56 مىليون كىلومېتىرلىق ئورۇنغا كەلگەن. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى(NASA)نىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 2287 – يىلىغا بارغاندا مارسنى يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق يېقىن ئارىلىقتىن كۆزەتكىلى بولىدىكەن.

     6.ھاياتلىق ئىزنالىرى

     2014 – يىلى ‹‹قىزىقىش›› ناملىق مارس ماشىنىسى مارستىن مېتان گازى كۆپۈكچىلىرىنى بايقىغان. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىملىرى ‹‹بۇ مېتاننىڭ قەدىمكى زامانلاردىلا مەۋجۇت بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولۇشى ھەم قەدىمكى دەۋرلەردە ھاياتلىق مەۋجۇت بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن›› دەپ قارىماقتا.

     7. مارستىكى سۇ

     ئالىملار 2016 – يىلى 9 – ئايدا مارس يۈزىدە تۇزلۇق سۇ ئاققان ئىزلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. مارستىكى تۆۋەن بېسىمدا مۇزلۇقلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ، مەسىلەن، ئىككى قۇتۇپتىكى مۇز قالپىقى كۆپ مىقداردىكى سۇنى ئۆزىدە ساقلاپ قالغان بولىدۇ، 2007 – يىلى 3 – ئايدا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئالىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، جەنۇبىي قۇتۇپ قالپىقىدىكى مۇزلارنىڭ ھەممىسى ئېرىپ كەتسە، پۈتۈن مارس يۈزىنى 11 مېتىر قېلىنلىقتا سۇ بېسىپ كېتىدىكەن.

     8.مارسقا قونۇش

     ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 2030 – يىلىغا بارغاندا مارستا يەر شارىغا تايانمايدىغان بىر كۆچمەنلەر بازىسى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. ئۇلار بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بۇ سەپەرگە ئاتلىنىشىمىز خۇددى ئاپوللو پىلانىغا ئوخشاش پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈندۇر، ئەمما ئاپوللو پىلانىغا ئوخشىمايدىغان يېرى بۇ قېتىم ئۇ يەردە تۇرۇپ قالماقچىمىز.

    كېرەم ئىبراھىم تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.