مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەخلاق ۋە تەربىيە

    بولمىغۇر ‹‹پەتىۋا››لارنى تۈگىتەيلى

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-04-07 11:32:05شىنجاڭ گېزىتى

    غەيرەتجان ئەنۋەر

     تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بىزدە نۇرغۇن بولمىغۇر <<پەتىۋا>>لار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بىرقىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ يۈز – ئابرۇيى، مال – مۈلكىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە ھە دىسىلا <<پەتىۋا>> چىقىرىپ، بىرقىسىم ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرىنى پەيدا قىلماقتا. چېكىدىن ئاشقان ئابرۇيپەرەسلىك ھامان ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ، شۇ كىشىنى پۇشايماندا قالدۇرىدۇ.

     يېقىندا، ساۋاقدىشىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، گېپىمىز بىردىنلا ھازىر يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان بىرقىسىم <<پەتىۋا>>لارغا يۆتكەلدى. ساۋاقدىشىم زەردىسى قاينىغان ھالدا ماڭا مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى: يېقىندا ئۇ بىر چوڭ چايغا قاتنىشىپ قاپتۇ. چايدا يىگىت تەرەپ قىزغا تەييارلىغان كىيىم – كېچەك، زىبۇ زىننەتلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا، ئاش سۈيىگە 50 مىڭ يۈەن قويۇپتۇ؛ يىگىت تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئەسلىدە ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، كېيىن سودا قىلىپ ئازراق پۇل تاپقان ئىكەن. قىز تەرەپمۇ يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا قىممەت باھالىق كىيىم – كېچەكلەرنى قويغاندىن باشقا،‹‹قىزىمىز بىلەن ئوغلىمىزنىڭ شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن›› دەپ 30 مىڭ يۈەن قويۇپتۇ. بۇ يېڭى پەتىۋالارنى سورۇندىكىلەرمۇ ئانچە قوبۇل قىلالماپتۇ.

     دۇرۇس، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان بۇنداق ناچار ئادەتلەرنى ساۋاقدىشىملا ئەمەس، ئاڭلىغانلىكى ئادەم قوبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر بىرەرسى خىيالىغا كەلگىنىچە يېڭى بىر پەتىۋانى چىقىرىپ قويسا، باشقىلار ئۇنىڭ توغرا – خاتالىقى، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشمايلا بۇ پەتىۋانى مودىغا ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. ‹‹ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ›› دېگەندەك، مۇشۇنداق يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان پەتىۋالار ئەل ئارىسىغا تاراپ كىشىلەرگە ئىقتىسادىي جەھەتتە بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

     ھەددىدىن ئاشقان ھەشەمەتچىلىك، ئابرۇيپەرەسلىك، دورامچىلىقتەك ئىللەتلەر تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بىر قېسىم كېشىلىرىمىز يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋاتىدۇ.

     بىلىشىمىز كېرەككى، تېجەشلىك جەمئىيەت قۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پەيدا بولۇۋاتقان بۇنداق بولمىغۇر، چاكىنا تۇرمۇش ئادەتلىرى جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، زېھنىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا، ساپالىق ئادەم بولۇشقا سەرپ قىلايلى، بولمىغۇر، ناچار ئادەتلەرگە ئەمدى ‹‹بولدى، بەس!›› دەيلى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئىشلار، بولۇپمۇ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىمىزنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى ئەل قاتارى، لايىقىدا بولغىنى تۈزۈك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.