مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئائىلە ۋە نىكاھ

    ئائىلىنىڭمۇ تۆت پەسلى بولىدۇ

    ئايگۈل ئابدۇللا2017-04-05 16:38:30تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
    (ماتېرىيال سۈرەت)

    ھاۋاگۈل ھەمدۇللا

     ئائىلە ــ جەمئىيەتنىڭ ھۈجەيرىسى، ئۇ نىكاھ، قانداشلىق ۋە ئورتاق ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. ئائىلە تەشكىللىنىش، تەرەققىي قىلىش، ئاجىزلىشىش ۋە يوقىلىشتىن ئىبارەت ئۆزگىرىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئائىلىنىڭ بۇ خىل ئۆزگىرىش جەريانىنى بىر يىلنىڭ ئەتىياز، ياز، كۈز ھەم قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ.

     قىز بىلەن يىگىت نىكاھلىنىپ توي قىلىپ ئائىلە قۇرغاندىن كېيىن، بىر ئۆيدە بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ تاكى پەرزەنتلىك بولغىچە بولغان مەزگىلنى ئائىلىنىڭ ئەتىياز پەسلى دېيىشكە بولىدۇ؛ پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن، پەرزەنتلەرنى بېقىپ چوڭ قىلىشتىن، تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇشقىچە بولغان مەزگىلنى ئائىلىنىڭ ياز پەسلى دېيىشكە بولىدۇ. پەرزەنتلەر قاتارغا قوشۇلۇپ ئۆزلىرى ئائىلە تەشكىللەشتىن ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرى ياشىنىشىقىچە بولغان مەزگىلىنى ئائىلىنىڭ كۈز پەسلى دېيىشكە بولىدۇ. ئەر–خوتۇن (ئاتا–ئانا)نىڭ ياشىنىشىدىن جورىسىدىن ئايرىلىش، ۋاپات بولۇشقىچە بولغان مەزگىلىنى ئائىلىنىڭ قىش پەسلى دېيىشكە بولىدۇ.

     ئائىلىنىڭ ئەتىياز پەسلى

     بۇ ئائىلە تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ــ ئاساس سېلىش باسقۇچىدىن ئىبارەت بولۇپ، قىز بىلەن يىگىت بىر ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت ئىتتىپاقى تەشكىللەپ، ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇپ ۋە ياخشى ئادا قىلىپ، ئائىلە ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەلەپلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:

     بىرىنچى، ماددىي تۇرمۇش جەھەتتە ئەر–خوتۇن بىر بىرىگە كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇق قىلىشى، قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا ۋە ماددىي ئېھتىياجىغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈشى، ئائىلە ئىقتىسادىنى ئوچۇق–ئاشكارا بۇلۇش پىرىنسىپى بويىچە مەسلىھەتلىشىپ باشقۇرۇشى لازىم؛ بۇ جەرياندا راھەت–پاراغەتكە بېرىلىپ، چوڭ يەپ–چوڭ ئىچىشكە، كەيىپ ساپاغا بېرىلىپ، بەتخەجلىك قىلىشقا بولمايدۇ. ئائىلە ئەزالىرى تىرىشىپ ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئائىلىنىڭ ماددىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى، پەرزەنتلىك بولۇش، پەرەنتلەرنى تەربىيەلەش ئۈچۈن ماددىي ئاساس تىكلىشى لازىم.

     ئىككىنىچى، مەنىۋى جەھەتتە، ئەر–خوتۇن ئىناق، يېقىن مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، قارشى تەرەپكە سۆيگۈ ئاتا قىلىش ۋە قارشى تەرەپنىڭ سۆيگۈسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى زۆرۈر. ھازىر كۆپ ساندىكى قىز–يىگىتلەر بىر نەچچە يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ئاندىن توي قىلىدۇ. توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلار ئىناق–ئىجىل بولۇپ، بىر–بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، بىر–بىرىنى كۆرمىسە چىدىيالمايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ. ئەمما توي قىلغاندىن كېيىن بۇرۇنقىدەك يېقىنچىلىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ ئويلاپ، ئىناق ھەم يېقىن مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇستەھكەملەشكە ئېتىبارسىز قارايدۇ. بۇنى بەزى ئائىلىلەرنىڭ تويدىن كېيىن ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشمايلا ۋەيران بولۇشىدىكى قىسمەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا، تويدىن كېيىنمۇ ئىناق ھەم يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، قارشى تەرەپكە سۆيگۈ ئاتا قىلىش ھەم قارشى تەرەپنىڭ سۆيگۈسىنى قوبۇل قىلىشنى بىلىش لازىم.

     ئۈچىنچى، تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتە، ئەر–خوتۇن بىر–بىرىنى قوبۇل قىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى، قارشى تەرەپنى تىرىشىپ يەنىمۇ چۇڭقۇر چۈشىنىشى زۆرۈر. مىجەز–خاراكتېرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئادەم نىكاھ ئارقىلىق بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزى ياقتۇرمايدىغان نۇرغۇن ئادەتلىرى ۋە ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. شۇڭا، ئەر–خوتۇننىڭ بىر–بىرىنى قوبۇل قىلىشنى بىلىشى نىكاھ مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تۇنجى قەدىمى. بىر–بىرىنى قوبۇل قىلىشتا قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ۋە ئۆزى ياقتۇرغان تەرەپلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى كەمچىلىكلىرىنى، ئۆزى ياقتۇرمىغان تەرەپلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشى لازىم؛ قارشى تەرەپنىڭ مىجەز –خاراكتېرىنى ۋە ئادەت –ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماسلىق، قارشى تەرەپنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا مەجبۇرلىماسلىق كېرەك. قارشى تەرەپنى ھۆرمەتلەش ھەم چۈشىنىشتە قارشى تەرەپنىڭ بىر مۇستەقىل ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭ قىزىقىشى، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ياخشى كۆرۈشنى باھانە قىلىپ، يۈرۈش–تۇرۇش، سۆز-ھەرىكىتىگە زىيادە چەكلىمە قويماسلىق، قارشى تەرەپكە ئىشىنىش ۋە ھۆرمەتلەش ئاساسىدا مۇئامىلە قىلىش زۆرۈر.

     ئائىلىنىڭ ياز پەسلى

     بۇ ئائىلىنىڭ تەرەققىي قىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئەر–خوتۇننىڭ ۋەزىپىسى ياخشى ئەر–خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئاساسىدا پەرزەنتلىك بولۇش، ياخشى ئاتا–ئانا پەرزەنت مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، پەرزەنتلەرنى بېقىپ چوڭ قىلىش ۋە تەربىيەلەپ قاتارغا قوشۇشتىن ئىبارەت.

     بۇ باسقۇچتا ئەر–خوتۇن ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، ئىناق، ئىللىق، دېموكراتىك، مېھىر–مۇھەببەتكە تولغان، بىر–بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئائىلە كەيپىياتىنى يارىتىپ، پەرزەنتلەردە ياخشى مىجەز–خاراكتېر ھەم ياخشى ئەخلاق–پەزىلەت يېتىلدۈرۈشكە دىققەت قىلىشى زۆرۈر.

     ئائىلىنىڭ كۈز پەسلى

     بۇ ئائىلە تەرەققىياتىدىكى ھوسۇل يىغىش باسقۇچىدىن ئىبارەت. بۇ باسقۇچتا پەرزەنتلەر چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلىدۇ ھەمدە ئۆي–ئوچاقلىق بولۇپ ئۆزلىرى ئائىلە تەشكىللەيدۇ. ئەر–خوتۇن (ئاتا–ئانا) پېنسىيەگە چىقىپ، پەرزەنتلەرنى بېقىپ، خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ، بىر قەدەر تۇراقلىق، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ساغلاملىق ۋە خۇشاللىقتىن ھەقىقىي بەھرىمەن بولۇشقا باشلايدۇ.

     ئەمما، بۇ باسقۇچتا ئاسانلا بەزى مەسىللەرمۇ كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، بەزى ئاتا–ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ نىكاھ ياكى ئائىلە ئىشلىرىغا زىيادە ئارىلىشىۋېلىپ، ئۆزلىرىگە بىر مۇنچە كۆڭۈل غەشلىكى تېپىۋالىدۇ؛ بەزى ئەر–خوتۇنلار بۇرۇن خىزمەت، پەرزەنتلەرنى بېقىش بىلەن ئالدىراش ئۆتكەچكە بوش ۋاقتى ئاز بولۇپ، ئەر–خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئاز بولغىنى بىلەن، ئەمدىلىكتە ئىككىيلەن بىر ئۆيدە يالغۇز قالغان مۇھىتقا كۆنەلمەي، ئاسانلا غىژ–غىژلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ؛ ھەيز كېسىلىش، فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن، بەزى ئاياللار ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ۋە ئاسان تېرىكىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر جورىسى بۇنى ئوبدان چۈشىنىپ، خوتۇنىغا كۆڭۈل بۆلمىسە ئاسانلا توقۇنۇش ياكى ماجىرا يۈز بېىدۇ.

     ئائىلىنىڭ قىش پەسلى

     بۇ ئائىلىنىڭ يوقىلىش باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا ئەر–خوتۇن ئىككىيلەن تېخىمۇ ئىجىل–ئىناق بولۇپ، بىر–بىرىگە ئوبدان ھەمراھ بولۇشى، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىشى، ئاكتىپ روھىي ھالەت بىلەن رېئاللىققا يۈزلىنىشى، يېڭى ئىش ھەم يېڭى شەيئىيلەرنى ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى، ئۆلۈمگە دادىللىق، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى پەللىسىگە تەمكىنلىك بىلەن يېتىپ بېرىشى لازىم.

     بۇ باسقۇچتا ئەر–خوتۇن تەدرىجىي ھالدا قېرىيدۇ، ھەر قايسى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى كۈندىن –كۈنگە ئاجىزلايدۇ؛ بەختسىزلىك يۈز بېرىپ، ئەر–خوتۇن ئىككىيلەننىڭ بىرەرسى بالدۇر ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ھايات قالغان جورىسىمۇ تىرىشىپ–تىرمىشىپ ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى تاماملاپ، ئاخىرىدا ۋاپات بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەسلەپتە قىز–يىگىت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئائىلە بوۋاي–موماينىڭ ۋاپاتى بىلەن يوقىلىدۇ.

    ‹‹پەن ۋە تۇرمۇش›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.