مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار

    ئەگەر يەر شارى ھازىرقىدىن ئىككى ھەسسە چوڭ بولسا....

    ئامانگۈل2017-03-27 16:06:28شىنجاڭ گېزىتى

     ئەگەر يەر شارى ھازىرقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ قالسا، يەر شارى ئاتموسفېراسىنىڭ زىچلىقى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، ھەممە نەرسە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھايۋانلارنىڭ مېڭىش – تۇرۇشى تېخىمۇ تەسلىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

     بۇ خىل ئەھۋالدا چۈمۈلە ۋە يىلان قاتارلىق ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار خۇشال بولۇپ كېتىدۇ، قۇشلار كەمدىن – كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئىنسانلار پاكارلاپ كېتىدۇ، ھەرىكەت قىلىشى تەسلىشىپ ھەرىكىتى ئاستىلاپ كېتىدۇ. قۇرۇلۇشلار ئۇنچىۋالا ئېگىز ھەم ھەيۋەتلىك بولمايدۇ.

     ئەگەر يەر شارىنىڭ چوڭلۇقى ھازىرقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ قالسا، ماسسىسى ھازىرقىنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ قالىدۇ، تارتىشىش كۈچى ئىنتايىن چوڭىيىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، كىشىلەرنىڭ مېڭىش – تۇرۇشى تەسلىشىپ ھورۇنلىشىپ كېتىدۇ.

    ياسىن ئىبراھىم تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.