مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار

    بىر تال نۇركابېلدا بىرلا ۋاقىتتا 13 مىليارد 500 مىليون ئادەم سۆزلىشەلەيدۇ

    ئامانگۈل2017-03-27 16:06:28شىنجاڭ گېزىتى

     نۆۋەتتە ئېلىمىز تۇنجى قېتىم s/560Tbلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سىغىملىق ئوپتىكىلىق يەتكۈزۈش سىستېمىسى سىنىقىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاپ، بىر تال نۇر كابېلدا بىرلا ۋاقىتتا 6 مىليارد 750 مىليون جۈپ ئادەم (ئىككى ئۇچىدا جەمئىي 13 مىليارد 500 مىليون ئادەم) سۆزلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ئېلىمىزنىڭ ‹‹دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ سىغىم، دەرىجىدىن تاشقىرى يىراق ئارىلىق ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەت›› لىك ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش سىستېمىسى تەتقىقاتى ساھەسىدە يەنە بىر بالداق ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

     بۇ قېتىمقى سىناقتا ئىشلىتىلگەن يەتكۈزۈش مۇھىتى يەككە مودېللىق يەتتە ئۆزەكلىك نۇر كابېل بولۇپ، بۇ بىر تال نۇر كابېل ئادەتتىكى يەتتە تال نۇر كابېلنى بىرلەشتۈرگەنگە باراۋەر بولۇپ، يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئادەتتىكى نۇر كابېلنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. ئىشلىتىلگەن نۇر كابېل سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ نۇر كابېللار ئارىسىدىكى ئۆزئارا كاشىلا قىلىش شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار يېڭى بىر خىل سىستېما ئۈسكۈنىسىدىن پايدىلىنىپ، 16 دانە يەككە يورۇقلۇق مەنبەسى ئىشلىتىش ھەم كۆپ خىل يۈكلىمە دولقۇن ھاسىل قىلىش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق نۇر كابېللىرى ئارىسىدىكى ئۆزئارا كاشىلا ۋە تەسىرلەرنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ، يەككە ئۆزەكنىڭ يەتكۈزۈش سىغىمىنى s/80Tbقا، ئومۇمىي يەتكۈزۈش سىغىمىنى s/560Tbقا يەتكۈزدى.

    كېرەمجان ئىبراھىم تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.