مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار

    مېركۇرىيدىكى ئەڭ

    ئامانگۈل2017-03-06 17:09:17شىنجاڭ گېزىتى

    ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

     قۇياش سىستېمىسىدىكى سەككىز چوڭ پىلانېتا ئىچىدە مېركۇرىي تۆۋەندىكى رېكورتلارغا ئېرىشكەن.

     قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن پىلانېتا

     مېركۇرىي بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 57 مىليون 590 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىلىقىنىڭ 0.387 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا قۇياش بىلەن ئارىلىقى ئەڭ يېقىن پىلانېتادۇر، ھازىرغا قەدەر قۇياشقا مېركۇرىيدىنمۇ يېقىن پىلانېتا بايقىلىپ باقمىدى.

     ئوربىتىلىق سۈرئىتى ئەڭ تېز پىلانېتا

     مېركۇرىي قۇياشقا ئەڭ يېقىن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئۇچرايدىغان قۇياشنىڭ تارتىش كۈچىمۇ ئەڭ چوڭ بولىدۇ، ئوربىتىلىق سۈرئىتىمۇ ھەرقانداق پىلانېتادىن تېز، مېركۇرىينىڭ ئوربىتىلىق سۈرئىتى ھەر سېكۇنتتا 48 كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىنىڭ ئوربىتىلىق سۈرئىتىدىن 18 كىلومېتىر تېز. مۇنداق تېز سۈرئەت بىلەن، يەر شارىنى 15 مىنۇتتا بىر قېتىم ئايلىنىپ چىققىلى بولىدۇ.

     بىر يىلنىڭ ۋاقتى ئەڭ قىسقا پىلانېتا

     يەر شارىنىڭ بىر يىلى يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت يەنى 365 كۈننى كۆرسىتىدۇ، ئەمما ‹‹مېركۇرىي يىلى›› قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ قىسقا يىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىشىغا 88 كۈن كېتىدۇ، بۇ يەر شارىنىڭ ئۈچ ئېيىغىمۇ يەتمەيدۇ.

     سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئەڭ چوڭ پىلانېتا

     مېركۇرىيدا ئاتموسفېرانىڭ تەڭشىلىشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن، شۇنىڭ ئۈچۈن قۇياشنىڭ ئىسسىتىشى نەتىجىسىدە قۇياش تەرەپكە قارىغان يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃430قا يېتىدۇ، ئەمما ئارقا تەرەپ يۈزىنىڭ كېچىلىك تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃160قا چۈشىدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرا پەرقى ℃600قا يېقىنلىشىدۇ، شۇڭا پىلانېتالار ئىچىدە سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئەڭ چوڭ بولۇش چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

     سۈنئىي ھەمراھلىرى ئەڭ ئاز پىلانېتا

     قۇياش سىستېمىسىدا نۇرغۇن سۈنئىي ھەمراھلار بايقالغان بولۇپ، ئومۇمىي سانى 60 تىن ئاشىدۇ، ئامما مېركۇرىي بىلەن ۋېنېرادا سۈنئىي ھەمراھ ئەڭ ئاز ياكى يوق دېيەرلىك.

     بىر كۈن ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق پىلانېتا

     قۇياش سىستېمىسىدىكى پىلانېتالار ئىچىدە، مېركۇرىي ‹‹يىلى›› ۋاقتى ئەڭ قىسقا، ئەمما مېركۇرىي ‹‹كۈنى›› باشقا پىلانېتالارغا قارىغاندا ئەڭ ئۇزاق، مېركۇرىينىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىشىغا 88 كۈن(يەر شارى كۈنى)، ئەمما ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىغا 58.646 كۈن(يەر شارى كۈنى) كېتىدۇ، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى بىر كېچە – كۈندۈز بولىدۇ، ئەمما مېركۇرىي ئۆز ئوقىدا ئۈچ قېتىم ئايلانغاندا ئاندىن بىر كېچە – كۈندۈز بولىدۇ. مېركۇرىيدىكى بىر كېچە – كۈندۈز ۋاقىت يەر شارىدىكى 176 كۈنگە توغرا كېلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.