مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    تويغۇچە غىزالىنىشنىڭ خەتىرى

    ئامانگۈل2017-02-22 11:43:12شىنجاڭ گېزىتى

    زىبىر ئابلىمىت

     ئوزۇقشۇناسلار ۋە تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە ‹‹دائىم تويغۇچە غىزالىنىشنىڭ ئاقىۋىتى پەقەت سەمرىپ كېتىشتەك ئۇنداق ئاددىي بولمايدىكەن. دائىم تويغۇچە غىزالىنىشتىن نۇرغۇن كېسەللىكلەر پەيدا بولىدىكەن››. تويغۇچە غىزالىنىشنىڭ ئادەم ئورگانىزملىرىدا پەيدا قىلىدىغان خەتىرى تۆۋەندىكىچە:

     1. سېمىزلىك. ھازىر كىشىلەر ئاقسىل تەركىبى مول، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىدۇ، بۇ خىل يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش قىيىن بولۇپ، ھەزىم بولمىغان قالدۇق يېمەكلىكلەر بەدەنگە توپلىنىپ، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر سېمىزلىكنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، قەنت كېسىلى، جىگەرنى ماي قاپلاش، بۆرەك ياللۇغى ھەمدە بىر قىسىم ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى قوزغايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

     2.ئاشقازان. دائىم تويۇنۇپ غىزالىنىش پەيدا قىلىدىغان ئەڭ ئېغىر ئاقىۋەت ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ يۈكى ئېغىرلىشىش، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆمرى نىسبەتەن قىسقا بولۇپ، ھەر ئىككى – ئۈچ كۈندە بىر قېتىم ئۆزىنى تۈزەيدۇ. ئەگەر چۈشتە يېگەن تاماق تېخى ھەزىم بولماي تۇرۇپ، كەچلىك تاماق قورساققا كىرسە، ئاشقازان ئىزچىل تويۇنۇش ھالىتىنى ساقلاپ، شىللىق پەردىگە ئۆزىنى تۈزەش پۇرسىتى بەرمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازان پەيدا قىلغان كىسلاتالىق سۇيۇقلۇق ئاشقازان شىللىق پەردىسى بۇزۇلۇپ، ئاشقازاندا ياللۇغلىنىش ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بۇزۇلۇش كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ، بۇ ھال ئۇزاق داۋاملاشسا، ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى دېگەندەك كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ.

     3. چارچاش. تويۇنۇپ غىزالىنىش چوڭ مېڭە ئىنكاسىنىڭ چېكىنىشىنى پەيدا قىلغاچقا، چوڭ مېڭىنىڭ قېرىشى تېزلىشىدۇ. ئادەم زىيادە تويۇنۇپ غىزالانغاندا، بەدەندىكى قاننىڭ ھەممىسى ئاشقازاننىڭ خىزمىتىگە ياردەملەشكەچكە، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۇزاققىچە چارچاش ھالىتىدە تۇرۇپ، كۈنلىرى خامۇشلۇق ئىچىدە ئۆتىدۇ.

     4. راك كېسىلى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئادەم بەك تويۇنۇپ غىزالانسا، بەدەندىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ راك ھۈجەيرىلىرىنى چەكلەش كۈچى چېكىنىپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدۇ.

     5.دېۋەڭلىك. مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ياشانغانلارنى تەكشۈرگەندە، ئاز بولغاندا %40 ياشانغان كىشىنىڭ ياشلىقىدا دائىم تويۇنۇپ غىزالىنىش ئادىتى بارلىقىنى بايقىغان.

     6.سۆڭەك شالاڭشىش. تويۇنۇپ غىزالىنىش سۆڭەكنىڭ كالتسىي قويۇپ بېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە سۆڭەك شالاڭلىشىدۇ.

     7. ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى. ئاخشىمى تويۇنۇپ غىزالىنىش، ھاراق ئىچىش ئادەمدە ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

     8.نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى. كەچتە تويۇنۇپ غىزالانسا، ئاشقازان كۆپۈپ، ئەتراپىدىكى ئەزالارغا بېسىم پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان ‹‹دولقۇن›› تاكى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە قەدەر كېڭىيىپ، نېرۋا ئاجىزلىشىشنى پەيدا قىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.