مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋانىڭ پەيدا بولۇشى، زىيىنى ۋە ساقلىنىش تەدبىرلىرى

    مەۋلۇدە2017-02-13 17:00:33شىنجاڭ گېزىتى

    ئابدۇكېرىم ھەسەن

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىس – تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋا رايى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان بولدى. ئۇنداقتا كىشىنى ساراسىمىگە سالغان تۈتەك، تۇمان زادى نېمە؟ تىزگىنلەشكە بولامدۇ – يوق؟ دېگەندەك مەسىلىلەر ئوقۇرمەنلەر قىزىقىدىغان تېما بولۇپ قالدى .

     تۇمان سۇ تامچىلىرى ۋە ئىنتايىن كىچىك كىرىستال دانچىلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سۈتسىمان رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ھاۋادىكى سۇ تامچىلىرىنىڭ چاڭ – توزان دانچىلىرىنى يادرو قىلىپ بىرىكىشىدىن شەكىللىنىدۇ، زىيانسىز دېيىشكە بولىدۇ.

     تۈتەك ھاۋادىكى چاڭ – توزان، ئىس – تۈتەك شۇنداقلا زاۋۇت، ئاپتوموبىللاردىن چىققان كېرەكسىز گاز تەركىبىدىكى سۇلفات كىسلاتا، ئازوت كىسلاتا، ئورگانىك ھىدرو كاربونات قاتارلىق ماددىلاردىن تەركىب تاپقان لەيلىمە ماددا بولۇپ ، ھاۋادىكى زىيانداش ھېسابلىنىدۇ. تۈتەكلىك ھاۋا سارغۇچ رەڭدە كۆرۈنىدۇ.

     مېتېئورولوگىيە سانلىق مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا تۈتەكلىك ھاۋا رايىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشقان. بولۇپمۇ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەردە تۈتەكلىك ھاۋانىڭ خەلق ئاممىسىغا ئېلىپ كەلگەن زىيىنى، تەھدىتى ھەممەيلەننى ساراسىمىگە سېلىپ قويغان. ھەتتا بەزى كىشىلەر تۈتەكلىك ھاۋانىڭ زىيىنىدىن ئەنسىرەپ چوڭ شەھەرلەرگە قىزىقمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇنداقتا تۈتەكلىك ھاۋا قانداق پەيدا بولىدۇ؟

     بىرىنچى، سانائەتلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ ئورمان، يايلاق، تاتلىق سۇدىن قارىغۇلارچە پايدىلىنىش ئەۋج ئېلىپ ، ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، ئىسسىقلىق ئېففېكتى، قارا قۇيۇن، تۈتەكلىك ھاۋا قاتارلىق بىنورمال ھاۋا رايى ھادىسىلىرى كۆپىيىپ قالدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يۈز يىل ئىلگىرى يەر شارىدىكى ئورمانلىق كۆلىمى 6 مىليارد گېكتار بولۇپ، ھازىر 3 مىليارد 005 مىليون گېكتارغا چۈشۈپ قالغان. ئەگەر يەر شارىدىكى ئورمانلىق كۆلىمى مۇشۇ سۈرئەتتە ئازايسا ، يەنە 04 يىلدىن كېيىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىق يوقاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن. ئورمان، يايلاق، سازلىق قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك سىستېما يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداپ تۇرمايدىكەن مۇھىت بۇلغىنىشى ئېغىرلىشىپ، يەر شارى گۇمران بولۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

     ئىككىنچى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، شەھەرلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ئېغىرلاشتى. تۇرخۇنلاردىن، ئاپتوموبىللاردىن چىقىۋاتقان كېرەكسىز گازلار ھاۋانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋانىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى. تۈتەكنىڭ تەركىبىدىكى سۇلفات كىسلاتا، ئازوت كىسلاتا، ھىدرو كاربونات بىرىكمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زەھەرلىك دانىچىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى زاۋۇت، ئاپتوموبىللار پەيدا قىلىۋاتقان كېرەكسىز گازلار بولۇپ، تۈتەكلىك ھاۋا رايى، ھەتتا كىسلاتالىق يامغۇرنى پەيدا قىلىدۇ.

     ئۈچىنچى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزدە كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇشلار قىلىندى، ناھىيە، يېزىلاردىمۇ بۇرۇن چوڭ شەھەرلەردىلا كۆرەلەيدىغان نەچچە ئون قەۋەتلىك ئېگىز بىنالارنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق. بۇنداق تەرەققىيات خەلق ئاممىسىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، قۇرۇلۇش جەريانىدا پەيدا بولغان چاڭ – توزان، لەيلىمە ماددىلار تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋا رايىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

     تۆتىنچى، ئەخلەتلەرنى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان ئىس – تۈتەكمۇ تۈتەكلىك ھاۋا رايى پەيدا بولۇشىدىكى يەنە بىر مۇھىم سەۋەب بولۇپ قالدى.

     ئۇنداقتا تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋانىڭ ئىنسانلار ساغلاملىقىغا قانداق زىيىنى بار؟

     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋانىڭ تەركىبىدە ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولغان 02 نەچچە خىل ماددا بار بولۇپ، كىسلاتا، ئىشقار، تۇز، ئاممىياك، يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى، تۇبېركۇليۇز باكتېرىيەسى، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى قاتارلىق زەھەرلىك ماددىلار ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر تەھدىت بولماقتا. ئىنسانلار تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋادا ئۇزاق مۇددەت ياشىسا، يۇقىرىدىكى زىيانلىق ماددىلار كاناي شاخچىلىرى، ئۆپكە يوللىرىغا كىرىپ، جىددىي خاراكتېرلىك نەپەس يولى ياللۇغى، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، زىققا قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

     تۈتەكلىك ھاۋانىڭ يۈرەك، مېڭە، قان – تومۇر كېسىلى بارلارغا بولغان زىيىنىمۇ ئېغىر بولۇپ، بۇنداق ئاغرىقلار تۈتەكلىك ھاۋادا ئۇزاق مۇددەت ياشىغاندا، قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك سانجىپ ئاغرىش، يۈرەك تىقىلمىسى، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. تۈتەكلىك ھاۋانىڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان پايدىسىز تەسىرىمۇ چوڭ ئىكەن، تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋادا بەدەنگە قۇياش نۇرىنىڭ بىۋاسىتە چۈشۈشى ئاجىز بولغاچقا، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماي، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە زۆرۈر بولغان ۋىتامىن D، كالتسىي قاتارلىقلارنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

     تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋا يەنە ئاغرىقلارنىڭ ئانتىبىئوتىك دورىغا چىدامچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. دانىيە كوپىنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوكىم لارسىن ئۇزاق يىللىق تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن تۈتەكلىك ھاۋانىڭ ئانتىبىئوتىك دورىغا چىدامچانلىقىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

     تۈتەك، تۇمانلىق ھاۋانىڭ زىيىنىنى قانداق قىلغاندا تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؟

     بىرىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئورمان، يايلاق، سازلىق قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك بايلىق مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، موتورلۇق قاتناش قوراللىرىنىڭ ئورنىغا ۋېلىسىپىت، ئېلېكتىر موتورلۇق قاتناش قوراللىرىنى ئىشلىتىپ، ئۆز ماكانىمىزنىڭ مۇھىتىنى يېشىللاشتۇرۇشقا، ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم.

     ئىككىنچى، تۈتەك، تۇمانلىق كۈنلەردە ئۆينىڭ دېرىزىسىنى ئاز ئېچىش، بولۇپمۇ ئەتىگەن – كەچتە ئامال بار دېرىزىنى ئاچماسلىق، چۈشتە تۇمان تارقىلىپ، كۈن نۇرى چۈشكەن ۋاقىتتا دېرىزىنى ئېچىپ، ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

     ئۈچىنچى، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقاش كېرەك. بۇنىڭدا تۈتەك تەركىبىدىكى چاڭ – توزان دانچىلىرىنى بىۋاسىتە سۈمۈرۈۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

     تۆتىنچى، تۈتەك، تۇمانلىق كۈنلەردە قۇياش نۇرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئاز، ئۇلترا بىنەپشە نۇر يېتەرسىز بولغانلىقتىن ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ۋىتامىن D تۈرىدىكى زۆرۈر تەركىبلەر كەمچىل بولىدۇ، بەزىلەردە كەيپىيات سۇسلاش، روھىي چۈشكۈنلۈك، خامۇشلۇق ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىن D ۋە كالتسىي تولۇقلاشقا سەل قارىماي ، ئاسان ھەزىم بولىدىغان، مايسىز يېمەكلىكلەرنى، يېڭى كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ، بەدەنگە كېرەكلىك ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاش كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.