مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    غىزالىنىش ئادىتىڭىز توغرا بولمىسا ئۈچ خىل راكقا گىرىپتار بولىسىز

    مەۋلۇدە2017-02-09 12:08:03تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     بەزىلەر تاماقنى قىزىقىدا يېيىشكە، چاينى قىزىقىدا ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەت سالامەتلىككە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، راك كېسەللىكى پەيدا قىلىدۇ.

     راك كېسەللىكىلىرى ئىچىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان قىزىلئۆڭگەچ راكى تاماقنى قىزىق يېيىش، قېنىق چاي ئىچىش، قاتتىق يېمەكلىلەرنى تولۇق چاينىمايلا يۇتۇشتىن قىزىلئۆڭگەچنىڭ زەخمىلىنىپ، ياللۇغنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىشىدىن بولىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر بۇنىڭغا ئېتىبار قىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆش بېزى راكى ۋە ئۆپكە راكىنىڭمۇ غىزالىنىش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار ئىكەن.

     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يۇقىرىقى ئۈچ خىل راك كېسەللىكى، جۈملىدىن قىزىلئۆڭگەچ راكى غىزالىنىش ئادىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىكەن. قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئېچىش، قىزىق چاي ئېچىش قاتارلىق توغرا بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى بار ئىكەن. ئادەتتە غىزانى قىزىق، تېز يەپ، چاينىمايلا يۇتقاندا قىزىلئۆڭگەچنى ئاسانلا زەخىملەندۈرىدىكەن. بۇ خىل ھالەت ئۇزاق داۋاملاشسا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.