مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ھۇجرىغا ئاپېلىسىن قويۇپ قويسىڭىز...

    مەۋلۇدە2017-02-06 12:09:25تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     قىشتا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئاز بولغاچقا، ئۆيدە ئوكسىگېن ئازىيىپ، مىكروبلار كۆپىيىدۇ. ئەگەر ھۇجرىغا بىر ئاپېلىسىن قويۇپ قويۇلسا، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش، ئۇيقۇنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. جۇڭگو تېبابىتىدە ئاپېلىسىندىكى خۇش پۇراق ماددا ھۆللۈكىنى تۈگىتىپ، مىزاجنى تەڭشەيدۇ، ئاشقازان كۆپۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ، دېيىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپېلىسىننىڭ تۆۋەندىكىدەك رولىمۇ بار:

     1. ئاپېلىسىن تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە سىتىرات كىسلاتاسى مول بولۇپ چارچاشنى تۈگىتىدۇ.

     2. ئاپېلىسىننىڭ ئىچكى پوستى تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى ۋە مېۋە يېلىمى بولۇپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

     3. ئاپېلىسىن تاجىسىمان ئارتېرىيە تومۇرىنى كېڭەيتىپ، خولېستېرىن يىغىلىپ قېلىشنى تۆۋەنلىتىدۇ.

     4. ئاپېلىسىن شەربىتى تەركىبىدە راكقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى يۇقىرى بىر ماددا بولۇپ، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى تىزگىنلەيدىكەن. 

    «قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.