مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    نېمە ئۈچۈن پويىزدا يان تېلېفون سىگنالى كۈچلۈك بولمايدۇ؟

    زاھىدە مۇتەللىپ2017-02-06 11:22:19شىنجاڭ گېزىتى

    ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

     نېمە ئۈچۈن پويىزدا يان تېلېفون سىگنالى كۈچلۈك بولمايدۇ؟ بەزى كىشىلەر تۆمۈريول ئەتراپلىرىدا سىگنال تارقىتىش پونكىتلىرى ئاز، پويىزنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتى تېز بولغاچقا پويىزدا يان تېلېفون سىگنالى كۈچلۈك بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان سەۋەب باشقا نەرسە بولماستىن، بەلكى پويىزنىڭ دېرىزە ئەينىكى.

     تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پويىزدىكى ئېنېرگىيەنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋاگون ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدىكەن، بۇ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنىڭ %3ى پويىزنىڭ دېرىزىسى ئارقىلىق تارقىلىپ كېتىدىكەن. شۇڭا، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنى كېمەيتىپ، ۋاگون ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش ئۈچۈن، پويىز دېرىزىسىنىڭ ئەينىكىگە ئىنتايىن نېپىز ھالەتتىكى بىر قەۋەت مېتال سىر سۈركىلىدۇ، بۇ مېتال سىر يورۇقلۇق ئۆتكۈزىدۇ، ئەمما ئىسسىقلىقنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى توسۇش رولىنى ئوينايدۇ. گەرچە بۇ قەۋەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەشكە نىسبەتەن ئەھمىيىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما بىر كەمچىللىك تەرىپى بار، يەنى يان تېلېفون سىگنالىنى توسۇپ قالىدۇ. پويىزنىڭ ۋاگونى مېتالدىن ياسالغان، دېرىزىسىگىمۇ مېتال سىر بېرىلگەن بولغاچقا، پۈتكۈل ۋاگون بىر ‹‹قەپەز››گە ئايلىنىپ قالىدۇ (مېتال ياكى ياخشى ئۆتكۈزگۈچتىن تۈزۈلگەن قەپەز). شۇنىڭ بىلەن ئېلېكتىر ماگنىت سىگنالىنىڭ ۋاگون ئىچىگە كىرىشى تەسلىشىپ، يان تېلېفون سىگنالى تەبىئىيلا ئاجىزلىشىپ قالىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.