مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئەرلەردىكى ئەڭ ئاسان كېسەل كۆرۈلىدىغان ئەزالار

    مەۋلۇدە2017-01-24 16:01:03تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     1. ئاشقازان

     نۇرغۇن ئەرلەر ئادەتتە تاماكا چېكىشنى ۋە ھاراق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشتىھاسىمۇ ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، بىر قېتىمدىلا كۆپ تاماق يەۋېتەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەردە ئاشقازان كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6.2 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

     2. تېرە

     خېلى كۆپ ئەرلەر ئادەتتە ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلمايدۇ. شۇنداقلا، دوختۇرخانىغا بېرىپ تېرە راكى توغرىسىدا تەكشۈتۈش قىلىشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ مېلانوسىت ئۆسمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ.

     3. يۈرەك

     ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ جىددىي بولىدۇ. شۇنىڭدەك زىممىسىدىكى بېسىممۇ ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ يۈرەك تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا 7-10 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تاماكا تاشلىشى ۋە ئىسپرتلىق ئىچىملىكلەردىن ئۆزىنى چەكلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ، خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىشنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.

     4. جىگەر

     ئەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسى كۆپ بولغاچقا، ھەرخىل جىگەر ۋىرۇسلىرى بىلەن ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەرلەر ھاراقنى كۆپ ئىچىدۇ، ئەمەلىيەتتە جىگەر ھەر كۈنى پەقەت 60-80 گىرامغىچە ئىسپىرتنى پارچىلاپ ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئەگەر ئىسپىرتنىڭ مىقدارى بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتسە جىگەرنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىپ جىگەرگە زىيان سالىدۇ.

     5. تۈز ئۈچەي

     تۈز ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەرلەر ئادەتتە تەركىبىدە تالا ماددىسى كۆپرەك بولغان كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

     6. مەزى بېزى

     50 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئىچىدە تەخمىنەن %60تىن كۆپرەكى مەزى بېزى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىرىنچىدىن، مەزى بېزىنى ئۇزۇن مۇددەت بېسىشتىن ساقلىنىش؛ ئىككىنچىدىن، كۈندىلىك تۇرمۇش رېتىملىق بولۇش؛ ئۈچىنچىدىن، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. 

    «ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.