مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئوزۇقلۇقنى خورىتىدىغان ئادەتلەر

    ئامانگۈل2017-01-23 13:16:49شىنجاڭ گېزىتى

    زىبىر ئابلىمىت

     كومپيۇتېر: كومپيۇتېر، تېلېۋىزور قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئەسلىھەلەر بىلەن كۆپ ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ كۆزى نۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇ كۆز تور پەردىسىنىڭ تاشقى يۈزىدىكى سېزىمچان ماددا ۋىتامىن Aنىڭ تېز خورىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

     تەدبىر: قوي جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى، ئىرىمچىك، سۈت، بېلىق، سەۋزە، كاۋا ۋە بىيىدە ۋىتامىن A مول. بۇنىڭدىن باشقا، پالەك، يېسسىۋىلەك قاتارلىق كۆكتاتلاردا كاروتىن B مول، ئۇ بەدەندە ۋىتامىن Aغا ئايلىنىپ، كۆزنى قوغدايدۇ.

     تۇز كالتسىينى خورىتىدۇ: مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: بەدەنگە تۇز قانچە كۆپ سۈمۈرۈلسە، كىچىك تەرەت شۇنچە كۆپ كالتسىينى بەدەندىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىمۇ شۇنچە ئاستا بولىدۇ.

     تەدبىر: كۈندىلىك تاماقتا تۇزنىڭ مىقدارىنى تىزگىنلەش زۆرۈر. تۇزلۇق تاماققا ئامراق كىشىلەر تۇزنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئازايتىش بىلەن بىللە، كۆكتات، سۈت ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ يەپ بېرىشى لازىم.

     قېنىق دەملەنگەن چاي تۆمۈرنى خورىتىدۇ: ئارىمىزدا قېنىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار كۆپ، بىراق چايدىكى تاننىك كىسلاتا يېمەكلىكتىكى تۆمۈر بىلەن رېئاكسىيەلىشىپ، ئاسان ئېرىمەيدىغان ۋە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ماددىنى ھاسىل قىلىدۇ.

     تەدبىر: ئىمكانقەدەر قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەي، تەركىبىدە تۆمۈر مول يېمەكلىكلەردىن گۆش، جىگەر ۋە تۇخۇمنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك.

     تاماكا ۋىتامىن Cنى خورىتىدۇ: تاماكا ئىسىدىكى كوكس مېيى ۋىتامىن Cنىڭ خورىشىنى تېزلىتىدۇ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بىر تال تاماكا 25 مىللىگىرام ۋىتامىن Cنى خورىتىدىكەن.

     تەدبىر: تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان چىلان، مايمۇن شاپتۇلى، ئاپېلسىن، كۆكمۇچ، زاغۇن قاتارلىق كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك يەپ بەرگەن ياخشى.

     يېمەكلىك تالاسى كالتسىينى خورىتىدۇ: قوبۇل قىلىدىغان يېمەكلىك تالاسى يېمەكلىكنىڭ ئۈچەيدىن ئۆتۈشىنى تېزلىتىپ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاستىلىتىدۇ. يېمەكلىك تالاسى تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكنى كۆپ يېسە، كالتسىينىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ.

      تەدبىر: ۋىتامىن D كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاپتاپسىنىش ۋىتامىن Dنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى. يەنە بېلىق يېغى، تۇخۇم سېرىقى، سېرىق ماي، جىگەر ۋە سۈتتىمۇ ۋىتامىن D مول.

     بۇنىڭدىن باشقا، بەدەندە كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىمۇ كالتسىينىڭ خورىشىغا سەۋەب بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا ئادەم تېنىدىكى كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ نىسبىتى 1: 2 بولىدۇ. فوسفور تەركىبى مول يېمەكلىكنى كۆپ يەپ، قوبۇل قىلىنغان فوسفورنىڭ مىقدارىنى كالتسىيدىن ئاشۇرۇۋەتكەندە، ئارتۇق فوسفور بەدەندىكى كالتسىينى سىرتقا ھەيدەيدۇ، شۇڭا فوسفور تەركىبى يۇقىرى كاربونلۇق ئىچىملىك، ياغدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگىلەرنى ئاز يېگەن ياخشى.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.