مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق

    مەۋلۇدە2017-01-22 15:25:31تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە:

    سۇيۇقئاش ئىچىشنى زىيادە ياخشى كۆرۈش: نورمال ئادەملەر كۈنىگە ئالتە گىرامدىن يۇقىرى تۈز ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى ئۇنى تېخىمۇ كونترول قىلىشى لازىم. بىر قاچا سۇيۇقئاشنىڭ ئىچىدە بەش گىرامدىن ئالتە گىرامغىچە تۇز بولىدۇ. ئەگەر ئىككى قاچا سۇيۇقئاش ئىچسە، تۇز مىقدارى ئون گىرامدىن ئېشىپ كېتىدۇ. جىسمانىي ئەمگەك قىلىدىغانلار ۋە تەنھەرىكەتچىلەر سۇيۇقئاش ئىچسە بولىدۇ.ئۇنىڭ ئىچىدە شورپا، تۇز، كاربون سۇ بىرىكمىسى بولسىمۇ، سۇيۇقلۇق ۋە تۇز ھەرىكەت داۋامىدا چىققان تەر بىلەن بىللە چىقىپ كېتىدۇ. كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسى ئېنېرگىيەگە ئايلىنىپ خوراپ كېتىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى سۇيۇقئاشنى ئاز ئىچىشى كېرەك.

    تۇزلىغان كۆكتاتقا ئامراق بولۇش: تۇزلىغان كۆكتات يېيىشنىڭ قائىدىسى سۇيۇقئاشنىڭكىگە ئوخشاش، ھازىر جىسمانىي ئەمگەكلەر ئازىيىپ كەتتى.شۇڭا چوقۇم تۇزنى ئاز يېيىش، ئەڭ ياخشىسى تۇزلىغان كۆكتات يېيىش ئادىتىدىن قول ئۈزۈش لازىم.

    تۇخۇم يېيىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق ياكى تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يېمەسلىك: يۇقىرى قان بېسىمى بار بىر قىسىم كىشىلەر تۇخۇم يېيىشتىن قورقىدۇ ياكى تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يېمەيدۇ. بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. تۇخۇم تەركىبىدىكى تۇخۇم ئاقسىلى بەدىنىمىزنى ئەڭ ياخشى ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. تۇخۇم تەركىبىدىكى فوسفور يېغى ۋە خولېستېرىن ھۈجەيلىرىمىزنىڭ تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئايان بولۇشىچە، تاجىسىمان ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىشلىق يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇخۇم يېيىشنىڭ ھېچقاندا مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرىنىڭ كۈندە بىر تال تۇخۇم يەپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

    شورپا ئىچىشنى ياقتۇرۇپ سۈت ئىچىشنى خالىماسلىق: خىزمەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا سىزدىن كۆپ تەر چىقمىسا، ئەڭ ياخشىسى شورپا ئىچمەڭ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇڭى، شورپا تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تۇز بولىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى كۈندە سۈت ئىچىپ بېرىشى لازىم. كۈنىگە 1000مىللىگىرام كالتسىي تولۇقلاشنى ئۇدا سەككىز ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۇراقلاشتۇرغىلى ياكى چۈشۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا يۇقىرى قان بېسىمى بىمارلىرى كۈنىگە 200دىن 400 مىللىلېتىرغىچە سۈت ئىچىپ بېرىش كېرەك.

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.