مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى دىيابېت كېسىلىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن

    مەۋلۇدە2017-01-20 16:06:45تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

      بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بىر گۇرۇپپا ياش ساغلام پىدائىيلار ئۇدا بەش كۈن بەش سائەتتىن تۆۋەن، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئۇدا بەش كۈن توققۇز سائەتتىن ئۇخلايدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئۇخلاش ۋاقىت تەرتىپى دەل بۇلارنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئاندىن قان تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، قايسى گۇرۇپپىنىڭ ئادىمى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كېچىلىك ئۇيقۇسى بەش سائەتكە يەتمىگەندە ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ، قان قەنتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدىكەن. بۇ خىل ئەھۋال ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا دېيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن. بىراق تەتقىقاتتىن يەنە بايقىلىشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى توققۇز سائەتكە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن پىدائىيلاردىكى ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكى نورمال ھالەتكە قايتىدىكەن. باشقا بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئاياللارنىڭ كۈنلۈك ئۇيقۇسى ئالتە سائەتكە يەتمىسە ياكى سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتسە،تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئېشىپ كېتىدىكەن. خەۋپى ئەڭ تۆۋەن بولىدىغانلىرى كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى يەتتە سائەتتىن سەككىز سائەتكىچە بولغان كىشىلەر ئىكەن. بۇلاردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، ئۇخلاش ۋاقتى بەك ئاز ياكى بەك كۆپ بولۇش ئوخشاشلا سالامەتلىك ئۈچۈن زىيانلىق بولىدىكەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.