مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    تېرە نېمە ئۈچۈن قېرىيدۇ؟

    مەۋلۇدە2017-01-19 15:42:01تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       

       تېرىنىڭ نېمە ئۈچۈن قېرىيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم بىر تور بېكىتى كىشىلەرنى تېرىسىنى ئاسراشقا دەۋەت قىلىش مەقسىتىدە 10 جۈملە سۆز ئارقىلىق تېرىنىڭ قېرىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.

        1. ئادەمدە 25 ياشتىن باشلاپ قورۇق پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.

        2. ئەگەر 10 يىل ئىچىدە سىز ھەركۈنى 10 تال تاماكا چەكسىڭىز، تاماكا چەكمىگەن ئادەملەرگە سېلىشتۇرغاندا تېرىڭىز تېخىمۇ ئاسان قېرىپ كېتىدۇ.

        3. قوشۇمىسىنى تۈرۈش، كۆزىنى قىسىشتەك يۈز قىسىم ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قىلغاندا يۈزدە ئىنچىكە سىزىقچىلار ۋە قورۇقلار كۆپىيىپ كېتىدۇ.

        4. قېرىلىق دېغى ئەمەلىيەتتە تېرىنىڭ ئاپتاپتا كۆيۈپ كېتىشى سەۋەبلىك شەكىللىنىدىغان داغ بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ياشنىڭ چوڭايغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئاپتاپتا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ.

        5.يېنىچە يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئېڭەك ۋە يۈزدىكى قورۇقنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، قوشۇما تۈرۈلۈپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قورۇق كۆپىيىپ كېتىدۇ.

        6. يەرنىڭ تارتىش كۈچى تېرىنىڭ بوشاپ كېتىشى ۋە يۈز مۇسكۇلىنىڭ قېرىپ ساڭگىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

        7. كۈندە تېرە تازىلا قېتىم سانى ئىككى قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، تېرىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە سۇ تەركىبىنىڭ خوراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

        8.ۋىتامىن C ئۇلترا بىنەپشە نۇردىن مۇداپىئە كۆرۈش قالقىنى بولۇپ، ئۇ تېرە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى كېمەيتىدۇ.

        9.ھەركۈنى كۈن قالقىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ تېرىسىنىڭ قېرىش نىسبىتى كۈن قالقىنى ئىشلەتمەيدىغانلارغا قارىغاندا %24 يېنىك بولىدۇ.

        10. سودا گازلىق سۈيى تەركىبىدىكى قوسفات ماددىسى تېرىنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.