مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئۆرۈك مېغىزىدىن زەھەرلىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    مەۋلۇدە2017-01-17 12:16:29تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى تەركىبىدە ئادەتتە بىر خىل ئامىگدالىن دەيدىغان ماددا بولىدۇ. ئامىگدالىن ئېغىز بوشلۇقىدىكى شۆلگەي ئېنزىمىدا ئېرىگەندە ئۆتكۈر زەھەرلىك ماددا _ گىدروسىيانىد كىسلاتاسىنى قويۇپ بېرىدۇ. گىدروسىيانىد كىسلاتاسى توقۇلما ھۈجەيلىرىدىكى تۆمۈر تەركىبلىك نەپەسلىنىش ئېنزىمى بىلەن بىرىكىپ، توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنى ئوكسىگىندىن پايدىلىنالمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ، كىشىلەردە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك تۈپەيلىدىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە، ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزىدىن بالىلار 20 تال، قۇرامىغا يەتكەنلەر 50 تال يېگەندە زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆرۈك مېغىزىدىن زەھەرلىنىش يۈز بەرگەندە ئۆز ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ، زەھەرلەنگۈچىنى جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك. زەھەرلەنگۈچى مۇنداق چاغدا قايناقسۇ ياكى كالا سۈتى ئىچىپ ئاندىن قول بارمىقى بىلەن كېكىردەك قىسمىنى غىدىقلىغاندا سۇ ۋە يېمەكلىك بىرلىكتە قوسۇپ چىقىرىلىدۇ. ئەگەر زەھەرلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، نەپەر ئېلىش قىيلىنىش، ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.

     ئاچچىق ئۆرۈك، شاپتۇل ۋە نەشپۈت مېغىزى قاتارلىقلادىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ خىل مېغىزلارنى كۆپ يېمەسلىك، ئەگەر كېسەل داۋالاش ئېھتىياجى سەۋەبلىك يېمەكچى بولغاندا چوقۇم 2-3 كۈن بۇرۇن سۇغا چىلاپ قويۇش، بۇ ۋاقىتتا 6-8 قېتىمغىچە سۇنى ئالماشتۇرۇپ، پىشۇرۇپ يېيىش كېرەك.

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.