مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    مىكروب ئۆلتۈرىدىغان دورىلىق كۆكتات غولپىياز

    ئامانگۈل2017-01-16 17:38:22شىنجاڭ گېزىتى

    زىبىر ئابلىمىت

     غولپىياز (سۇڭپىياز) كىشىلەر تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئىستېمال قىلىدىغان كۆكتات ۋە تەم تەڭشىگۈچى يېمەكلىك. غولپىيازنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل (%1.4)، ماي (%0.3)، قەنت (%4.1)، ۋىتامىن A (ھەر 100 گىرام غولپىياز تەركىبىدە 1.6 مىللىگىرام)، ۋىتامىن B، ۋىتامىن C، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىق ماددىلار بار. غولپىيازنى تەم تەڭشىگۈچى ماددا ئورنىدا ئىشلىتىشتىكى سەۋەب، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئالاھىدە خۇش پۇراق ئۇچۇچان مايلارنىڭ بولغانلىقىدا. بۇ خىل مايلارنىڭ ئاساسىي تەركىبى ‹‹پىياز ئاللىستانىن ماددىسى (سامساق ئاچچىق ماددىسى)›› بولۇپ، ئۇ فىتونىدىد (ئۆسۈملۈك مىكروب ئۆلتۈرگۈچى ماددىسى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ماددىنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۈنۈمى ناھايىتى كۈچلۈك. غولپىيازنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا، گەرچە بەدەندىكى ماينى كۆپەيتىپ، ئادەمنى سەمرىتىۋەتسىمۇ، ئەمما بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىۋەتمەيدۇ. دائىم غولپىياز يېگەنلەرنىڭ بەدىنى ساغلام ۋە كۈچلۈك بولىدۇ.

     غولپىيازنىڭ بۆرەكنى ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەش، مىزاج تەڭشەش، زەھەر قايتۇرۇپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش رولى بولۇپ، شامالدارىش، زۇكام، قىزىتما، توڭلاپ تىترەش، چوڭ – كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق، ھەزىم ياخشى بولماسلىق، ھەر خىل پارازىت قۇرت كېسەللىكى، تولغاق قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

     غولپىيازنى ئىستېمال قىلغاندا ئۇزاق پىشۇرۇپ ئېزىۋەتمەسلىك كېرەك. بەدىنى ئاجىزلار، كۆپ تەرلەيدىغانلار، قولتۇقى پۇرايدىغانلار غولپىيازنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.