مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    قان يېغىنى تۆۋەنلىتىدىغان كۆكتاتلار

    مەۋلۇدە2017-01-11 16:17:07تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    1. سامساق قاندىكى خولېستېرىننىڭ تەركىبلىرىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادەم بەدىنىدىكى يۇقىرى سىغىمچانلىقتىدىكى پايدىلىق ئاقسىلنى يۇقىرىلىتىدۇ.

    2.باش پىياز پىيازنىڭ ھەقىقەتەن قان يېغىنى تۆۋەنلىتىش رولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئۇزۇن مەزگىل ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    3. پىدىگەن پىدىگەندىكى مەلۇم بىر تەركىب خولېستېرىن بىلەن بىرلىشىپ، خولېستېرىننى بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ.

    4. لامىنارىيە لامىنارىيە تەركىبىدە مول بولغان تائۇرىن ۋە قوڭۇر يۈسۈن كىسلاتاسى بار بولۇپ، ئۇلار قاندىكى ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خېلىستېرىننى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ سۈمۈرۈشىنى تورمۇزلاپ، تەرەت ئارقىلىپ چىقىپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    5. كۆممىقوناق كۆممىقوناقنىڭ تەركىبىدە مول بولغان كالتسىي، ماگنىي، سېلىن قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە نۇرغۇنلىغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەقىقەتەن قاندىكى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيەنىڭ قېتىشىشىنى تىزگىنلەش رولى بار.

    6. پۇرچاق ۋە ئۇنىڭدىن ياسالغان يېمەكلىكلەر مەسىلەن، پۇرچان ئۇنى، پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، دۇفۇ قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى ئېنىقلا ياغنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بار. بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق تۆۋەن زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى تەركىبىنى روشەن تۆۋەنلىتىدۇ.

    7.پۇراقلىق موگو پۇراقلىق موگونىڭ خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولى بار.

    8.كاۋا كاۋا ئادەم بەدىنىدىكى ئارتۇقچە خولېستېرىنغا چاپلىشىپ بىرلىكتە چوڭ تەرەت بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ.

    «ھاياتلىق» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.