مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    ئاق چاچنى بوياش خەتەرلىك !

    مەۋلۇدە2017-01-09 13:09:45تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    كۆپلىگەن ياشانغانلار ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ئاق چاچنى قارا قىلىپ بويايدۇ.

    كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، داۋاملىق چېچىنى بوياپ تۇرىدىغان كىشىلەردە سۈت بېزى راكى، تېرە راكى، ئاق قان كېسىلى، دوۋساق راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.

    بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ ياشلارغا قارىغاندا ئىممۇنېتىت كۈچى تۆۋەن بولغاچقا، چاچ بويىغاندىن كېيىن ئاسانلا زەھەرلىنىش ئىنكاسى بولۇپ ئۇچرىشىش خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى، ھەتتا راك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

    ياشلار چاچلىرىنى رەڭلىك قىلىپ بويىشىدۇ. مۇنداق بوياشنىڭ كېسەللىك پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر ئاز، رەڭلىك قىلىپ بويىغاندا كۆپىنچە تاللاپ بويايدۇ. بۇنداق بوياشنىڭ چاچنىڭ يىلتىز قىسمى بىلەن ئۇچرىشىشى، باش تېرىسى بىلەن بىرلىشىشى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن. بىراق ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا بولسا ئاق چاچ كۆپ، دائىرىسى كەڭرەك بولغاچقا ئەلۋەتتە ھەممىسىنى قارا رەڭدە بوياشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداقلا باش تېرىسى ھەريىلى چاچ بويىقىنى تەكرارمۇ تەكرار قوبۇل قىلىۋەرسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىلا ئۆزىنىڭ بەدەن سۈپىتى ئاساسى بىر قەدەر ئاجىز، مېتابولىزم بولۇشى بىر قەدەر ئاستا بولغاچقا، ئاسانلا زەھەرلىنىپ قېلىشنى، ھەتتاكى راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

     

    ھاياتلىق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.