مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    تۇرمۇش لۇغىتى

    تىنچلاندۇرۇش دورىسى ماس كەلمەيدىغانلار

    مەۋلۇدە2017-01-06 11:50:52تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئۇيقۇسىزلىق، كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. بىراق تىنچلاندۇرۇش دورىسى ھەرقانداق بىمارغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

    ئۆپكە گازلىق ئىششىقى بارلار : تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندا، نەپەس ئېلىشى تېزلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىدۇ. ئېغىر بولغاندا نەپەستىن توختاپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

    گىلاۋكوما بىمارلىرى : گىلاۋكوما بىمارلىرى تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

    شوپۇرلار: ھەركۈنى 15 مىللىگىرام تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىستېمال قىلغاندا، باش قېيىش، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆزى غۇۋالىشىش، كۆز ئالمىسى تىترەش، تۆۋەن قان بېسىمى قاتارلىق ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

    ھامىلدارلار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللار: ھامىلدار بولۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلغاندا، بۇۋاقنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بالا تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايدىن كېيىنمۇ تىنچلاندۇرۇش دورىسىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ، فىزىئولوگىيەلىك سېرىق چېچەك مەزگىلىنى ئۇزاتىۋېتىدۇ. بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار ۋە بوۋاقلار تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.

     

     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.