مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    قىزىلئۆڭگەچ تۇغما پۈتۈك تۇغۇلۇش كېسىلىنى چۈشىنەمسىز؟

    ئامانگۈل2016-12-26 19:01:50شىنجاڭ گېزىتى

      گۈلمىرە مۇھەممەد

     كورلا شەھىرىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەن دودو بۇ يىل 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن، ئاپىسى دودونى ئېمىتكەندە، دودونىڭ سۈتنى ياندۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھەم ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك يانغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار دودونى چوڭراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش تەكلىپىنى بەرگەندە، ئەر – خوتۇن ئىككىيلەن كېچىلەپ دودونى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كەلگەن. دوختۇرلار بالىغا قىزىلئۆڭگەچ تۇغما پۈتۈك تۇغۇلۇش كېسىلى، دەپ دىياگنوز قويغان.

     دودونىڭ دادىسى ما شىڭپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق كېسەللىكنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن، بالامنىڭ ھاياتىدىن بەكلا ئەنسىرىگەنىدىم. بالام مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىنغاندىن كېيىن، ھازىر سۇ ئىچەلىگۈدەك، ئانىسىنى بىمالال ئەمگۈدەك ھالەتكە كەلدى. دوختۇرلار بالىنى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، دوختۇرخانىدىن چىقسا بولىدۇ دېيىشتى.

     قىزىلئۆڭگەچ تۇغما پۈتۈك تۇغۇلۇش كېسىلى ھەققىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بالىلار تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل ۋىراچى يۈسۈپجان ھاكىم مۇنداق دېدى: قىزىلئۆڭگەچ تۇغما پۈتۈك تۇغۇلۇش كېسىلى، ئادەتتە، 3000 بوۋاقنىڭ ئىچىدە بىر بوۋاقتا كۆرۈلىدۇ، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە بۇ كېسەلنى بايقىغىلى بولمايدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا ئىچكىنىنى ياندۇرۇش، ئاغزىدا ئاق كۆپۈك پەيدا بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدە بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. يېقىندا دوختۇرخانىمىز كۆكرەك بوشلۇقى ئەينىكى بىلەن كۆكرەكنىڭ ئۈچ يېرىدە ئۈچ مىللىمېتىرلىق تۆشۈك ئېچىش ئارقىلىق بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ قىزىلئۆڭگىچىدىكى پۈتۈپ قالغان ئورۇننى ئېلىۋېتىپ، قايتا ئۇلاش ئۇسۇلىنى قوللاندى. بۇنداق ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ خەتىرى بولسىمۇ، بالىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاغرىق ئازابى تۆۋەن، باشقا رەئىس ئەزالارغا بولغان تەسىرى ئاز بولىدۇ. 12 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان دودو دوختۇرخانىمىزدا مانا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىنغان تۇنجى ئاغرىق ھېسابلىنىدۇ.

     يۈسۈپجان ھاكىم يەنە مۇنداق دېدى: بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. شۇڭا ئاتا – ئانىلار سەگەكلىك بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا سۇ، سۈت ئىچكەندە ياندۇرۇۋېتىش، ئاغزىدا ئاق كۆپۈك پەيدا بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، بالىنى ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشى، داۋالاش پەيتى ئۆتۈپ كېتىپ، بالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.