مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ئاشقازان، ئۈچەيدە كېسەل بولسا سۇلۇق ئىششىقتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك

    توخنىياز ئىسمائىل2016-12-01 17:27:24تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     ئاقسىل يوقىتىش خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىرى-تۈرلۈك كېسەل سەۋەبىدىن قان پىلازما ئاقسىلىنىڭ ئاشقازان، ئۈچەيدە كۆپ مىقداردا يوقىلىشى بىلەن تۆۋەن ئاقسىللىق قان كېسىلى كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ئۇنىۋېرسال كېسەل. بۇ خىل كېسەلدە دەسلەپتە ئاشقازان، ئۈچەي خاراكتېرلىك كېسەل ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئاندىن كېيىن پۇت، دۈمبە قاتارلىق ئورۇنلاردا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا قۇرساققا سۇ چۈشىدۇ، ھەتتا پۈتۈن بەدەندە سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلىدۇ. خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق قان پىلازمىسى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

     ئاقسىل يوقىتىش خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى ئاشقازان، ئۈچەي تىپلىق رېئاكسىيە خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ، رېئاكسىيە خاراكتېرلىك ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىقلار سەۋەبىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە پۇت ۋە دۈمبىدە سۇلۇق ئىششىق بار - يوقلۇقىغا قاراش ھەمدە قان پىلازما ئاقسىل مىقدارىنى تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر سۇلۇق ئىششىق ياكى قان ئاقسىلى تۆۋەنلەش كۆرۈلسە، ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك.

    مۇھەممەت قادىر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.