مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    پىسىخىكىلىق ئامىل ئۆمۈرنىڭ ئۇزاق-قىسقىلىقىنى بەلگىلەيدۇ

    زاھىدە مۇتەللىپ2016-11-21 11:11:35شىنجاڭ گېزىتى

     ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈش رايونلىرىدىكى ئىرق، كىلىمات، يېمەكلىك ۋە ئۆرپ – ئادەت قاتارلىقلار بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ساغلاملىق قائىدىلىرىگە زىت بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، بەزى ياشانغان كىشىلەر ھاراق – تاماكىغا خۇمار، سېمىز گۆشكە ئامراق؛ ئەمما ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۈمىدۋار، مىجەزى ئوچۇق – يورۇق، ئاق كۆڭۈل، مۇلايىم ۋە چىقىشقاق بولۇشتەك ئورتاقلىقلارغا ئىگە. 2009 – يىللىق نوبېل فىزىيولوگىيە مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ئېلزابېت قاتارلىقلارنىڭ قارىشىچە، ئادەم ئۇزاق ياشىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش%25 نى، باشقا ئامىللار %25 نى، پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇق %50 نى ئىگىلەيدىكەن.

     ‹‹بېسىم ھورمۇنى›› ساغلاملىققا زىيانلىق

     ھازىرقى زامان تېبابىتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئىنسانلاردىكى %65 ~ %90 كىچە كېسەللىك پىسخىكىلىق بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، شۇڭا بۇ خىلدىكى كېسەللىكلەر پىسخوزوماتىك كېسەللىكلەر دەپ ئاتىلىدۇ.

     ئىنسانلارنىڭ روھى بىلەن جىسمى نېمە ئۈچۈن شۇنچە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ؟ چۈنكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە، ھىپوفىز ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى بىرلىشىپ ئادەم تېنىنىڭ ماسلاشما ئىنكاس مەركىزىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كىرىزىسقا دۇچ كەلگەندە ئۇلار‹‹نورئادرېنالىن›› ۋە ‹‹ئادرېنالىن›› قاتارلىق بېسىم ھورمۇنلىرىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ ھورمۇنلار بەدەندىكى ھەر خىل ‹‹بايلىق›› لارنى قايتىدىن تەڭشەپ، ئىممۇنىتېت تەرەپتىكى تەمىنلەشتە ئېغىرلىق مەركىزىنى يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشى ۋە مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىگە قويۇپ كىرىزىسقا جىددىي تاقابىل تۇرىدۇ. ئەگەر ئادەم تىت – تىت بولۇش، چېچىلىش ۋە جىددىيلىشىش ھالىتىدە يۈرسە، بېسىم ھورمۇنلىرىنىڭ مىقدارى يۇقىرى ھالەتتە ساقلىنىپ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك ھېرىپ – چارچاش سەۋەبىدىن ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ.

     ئادەم قاتتىق غەزەپلەنگەندە بەدەندە پەيدا بولغان بېسىم ھورمۇنى بىر چاشقاننى ئۆلتۈرۈشكە يېتىپ ئاشىدۇ. شۇڭا، ‹‹بېسىم ھورمۇنى›› يەنە ‹‹زەھەرلىك ھورمۇن›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئادەم خۇشال بولسا چوڭ مېڭە دەرھال دوپامىن قاتارلىق ‹‹پايدىلىق ھورمۇن›› لارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. پايدىلىق ھورمۇنلار جىددىيلىكنى پەسەيتىپ ئادەمنى شادلاندۇرىدۇ، بۇ خىل كەيپىيات ئادەمنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ھۇزۇرلاندۇرۇپ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

     ‹‹نىشان›› ئادەمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتالايدۇ

     تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ‹‹نىشان تۇيغۇسى كۈچلۈك›› بولۇش ساغلاملىققا پايدىلىق ئىكەن، چۈنكى تۇرمۇشتا نىشان بولۇش – بولماسلىقى ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ فىزىيولوگىيەلىك ھالىتىنى بەلگىلەيدىكەن.

     تېببىي ئىلىمنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئادەم پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ھايات نىشانى تۇيۇقسىز يوقىلىپ، جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە روھىي ساغلاملىقى تېزلىكتە ناچارلىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئادەمدە نىشان بولمىسا ‹‹ئۆلۈم›› ئۇنىڭ بىردىنبىر نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يوشۇرۇن ئېڭىغا يوشۇرۇنغان ئۆزىنى ۋەيران قىلىش مېخانىزمى تەبىئىيلا قوزغىلىپ، سالامەتلىكى بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر ئادەمدە نىشان بولسا ئاكتىپلىشىپ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىكەن.

     ‹‹باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن خۇشاللىنىش›› داۋالاش رولىغا ئىگە بولىدۇ

     تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باشقىلارغا ‹‹ماددىي›› جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۆلۈش نىسبىتىنى %42 تۆۋەنلىتىدىكەن، روھىي جەھەتتىن قوللاش بولسا ئۆلۈش نىسبىتىنى %30 تۆۋەنلىتىدىكەن. باشقىلارغا ياخشى نىيەتتە ياردەم بېرىش ۋە ئىزچىل تۈردە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇش، كۆڭۈلدە تىل بىلەن تەسۋىرلەش تەس بولغان بىر خىل خۇشاللىق ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ، بۇ بېسىم ھورمۇنلىرىنى ئازايتىپ ‹‹پايدىلىق ھورمۇن›› لارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق، دەپ بىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك دورىسى بولىدىكەن.

     كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەل قىلغۇچ ئامىل

     ئامېرىكىدىكى ئىككى نەپەر پىسخولوگىيە پىروفېسسورىنىڭ 20 يىللىق تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆمۈرنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىللار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى‹‹كىشىلىك مۇناسىۋەت›› بولۇپ، بۇ مېۋە – چىۋە، كۆكتات، داۋاملىق چېنىقىش ۋە قەرەللىك ھالدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشتىنمۇ مۇھىم ئىكەن.

     خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم بولىدىغىنى باشقىلار بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت بولۇپ، ئىجتىمائىي قوللاشنىڭ كەمچىل بولۇشىنىڭ سالامەتلىككە كەلتۈرىدىغان زىيىنى تاماكا چېكىش ياكى چېنىقماسلىقتىن قېلىشمايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىدىكى بىر روھىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسىنىڭ ‹‹كىشىلىك قەدىر – قىممەت بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى›› ھەققىدىكى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىچى تار، مەنپەئەتپەرەس، شۆھرەتپەرەس، دۈشمەنلىشىش كەيپىياتى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ %14كە يېتىدىكەن، كۆڭلى – كۆكسى كەڭ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، مىجەزى ئوچۇق، مۇلايىم، چىقىشقاق كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %2.5 بولىدىكەن.

    نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.