مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    چىش چىرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە

    توخنىياز ئىسمائىل2016-11-17 16:50:48تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

    ماھىرە سېلىم

     چىش ھەزىم ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولۇپ، كالتسىي، فىتور، بور قاتارلىق ماددىلاردىن تۈزۈلگەن. چىش يېمەكلىكلەرنى دەسلەپكى قەدەمدە مېخانىكىلىق ھەزىم قىلىپ، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ. چىشنىڭ سىرتقى گۈزەللىككە بولغان تەسىرىمۇ چوڭ بولۇپ، چىش رەتلىك، ساغلام بولسا، ئادەم جۇشقۇن كۆرۈنىدۇ. چىشنىڭ نورمال تاۋۇش چىقىرىشتىمۇ رولى چوڭ.

     ھەممە ئادەم چىشلىرىنىڭ رەتلىك، چىرايلىق، ساغلام بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. چىش ساغلام بولمىسا ئېغىز بوشلۇقى يەللىكى، ئېغىز پۇراش، چىش ئەتراپى يەللىكى، چىش مىلىكى قاناش قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرى كېلىپ چىقىدۇ، ئاشقازاننىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، ئاشقازان يەللىكى، ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي يارىسى كۆرۈلىدۇ. شۇنداقلا، ئېغىز بوشلۇقىدىكى سۈت كىسلاتاسى تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە شەكىل ئۆزگەرتكۈچ تاياقچە باكتېرىيە قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە نەپەس يولى كېسەللىرى، قەۋزىيەت، بوغۇم يەللىكى، بۆرەك يەللىكى، يۈرەك ئىچكى پەردە يەللىكى قاتارلىق پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چىشنى ئاسراش، چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رولغا ئىگە.

     چىش چىرىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

     1. يېمەك–ئىچمەك ئامىلى. مېتابولىزم جەريانىدا ئورگانىزملارغا ئېھتىياجلىق ئاقسىل، كالتسىي، فوسفور، ھەرخىل ۋىتامىنلار، فىتور، بور قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار يېتەرلىك بولمىسا، بەدەندىكى سۆڭەكلەرنىڭ نورمال يېتىلىشىگە، چىشنىڭ كالتسىيلىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، چىشنىڭ قاتتىقلىقى ۋە پارقىراقلىقى بۇزۇلىدۇ، چىش چىرىيدۇ.

     2. زەخىملىنىش ئامىللىرى. داۋاملىق قىزىق يېمەكلىكلەرنى يەپ ئارقىدىن سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچسە، مېۋىلەرنىڭ ئۇرۇقچىسىنى چىشىدا چاقسا چىش ئاسانلا سۇنىدۇ ياكى چىشقا دەز كېتىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بۇ چىشلار چىرىيدۇ.

     3. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش. بەزى كىشىلەر، بولۇپمۇ بالىلار تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئېغىز بوشلۇقىدىكى سۈت كىسلاتاسى تاياقچە باكتېرىيەسى ۋە شەكىل ئۆزگەرتكۈچ تاياقچە باكتېرىيە قاتارلىق مىكرو جانلىقلار كىسلاتا چىقارغانلىقتىن (ئىشلەپ چىقارغان چىقىرىندىلار كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغانلىقتىن) ئېغىز بوشلۇقى داۋاملىق كىسلاتالىق ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مىكرو جانلىقلارنىڭ ساخاروزا ۋە ئاساسىي ماددىلارنىڭ تەسىرىدە كىسلاتا ئىشلىتىشى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتالىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا قەنت ئاساسلىق كاربون–سۇ بىرىكمىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، كىسلاتالىق پارچىلىنىش تېز بولىدۇ. مۇشۇ سەۋەبلىك تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ چىشى ئاسان چىرىيدۇ.

     4. چىش تېشى. چىش تېشى يېمەكلىك قالدۇقى ۋە باكتېرىيە دېغىنىڭ مىنېراللىشىشىدىن شەكىللىنىدۇ. چىش باكتېرىيە دېغىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى، چىش ئارىلىقىدىكى تاماق قالدۇقلىرى تەسىرىدە چىش تېشى قېلىنلايدۇ-دە، چىش چىرىشنى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

     5. ئىچكى ئاجراتمىنىڭ قالايمىقانلىشىشى. قەنت كېسىلى، قالقانسىمان بەز كۈچىيىپ كېتىش، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللەردە بەدەندىكى ماددا ئالمىشىش، كالتسىي ئالمىشىش قالايمىقانلىشىپ، چىش ۋە توقۇلمىلارنىڭ كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىپ، ئاسانلا چىش ئەتراپى يەللىكلىنىش، چىش مىلىكى قاناش، چىش چىرىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.

     6. ئېغىز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. ئاز ساندىكى كىشىلەر ئېغىز تازىلىقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكتىن، تاماق قالدۇقلىرى چىرىپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ كىسلاتالىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ، چىش تېز چىرىيدۇ.

     7. تاماكا چېكىش. تاماكا چېكىش ئومۇمىي بەدەنگە زىيانلىق ناچار ئادەت بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەندە چىشتا تاماكا دېغى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ ۋە تاماكا دېغى تەركىبىدىكى زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلار چىش چىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

     8. ئۇزاق مۇددەت قېنىق چاي ئىچىش. بەزى كىشىلەر دائىم چاينى قېنىق دەملەپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن ئۇزاق مۇددەت قېنىق چاي ئىچكەندە بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان فىتور ماددىسى كۆپىيىپ، ئاستا خاراكتېرلىك فىتوردىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چىش چۈرۈكلىشىپ، ئاسان سۇنۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

     چىش چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

     1. چىش تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. چىش چوتكىلاش ئىلمىي بولۇش كېرەك. يەنى ئۈستۈنكى چىشنى چوتكىلىغاندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگە؛ ئاستىنقى چىشنى چوتكىلىغاندا تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ تەكشى، سىلىق چوتكىلاش، چىشنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى تەرەپلىرىنى پاكىز تازىلاش لازىم. چىش چوتكىسى يۇمشاق، ئەۋرىشىملىكى ياخشى، مويلىرى تەكشى بولۇشى لازىم. چىش يۇغاندا: (1) ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتىن كېيىن؛ (2) تاماق يەپ ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن؛ (3) ھەر قېتىملىق چىش يۇيۇش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر بىر ئادەم چىش چوتكىسىنى ئايرىم ئىشلىتىش، چىش چوتكىسىنى پاكىز تۇتۇشى ۋە ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى لازىم.

     2. داۋاملىق قېنىق چاي ئىچىش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش لازىم. پات–پات دوختۇرغا ئېغىز بوشلۇقىنى تەكشۈرۈتۈپ، چىرىگەن چىش بايقالسا ۋاقتىدا داۋالىنىش لازىم.

     3. سەۋزىنى خام يەپ بەرسىمۇ چىش مىلىكىنى ئاسراپ، چىش دېغىنى يوقىتىشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.