مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ئامېرىكا تەتقىقات خادىملىرى: كۇنۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيەنىڭ سانى تەرەت قاچىسىدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپ

    ئايگۈل ئابدۇللا2016-10-19 18:03:02تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

     

     

       نۇرغۇن كىشىنىڭ نەزىرىدە تەرەت قاچىسى، ئەرمەك ھايۋان ئويۇنچۇقى، پۇل ئەڭ مەينەت نەرسىلەر. بىراق، ئىشخانىسىنىڭ باكتېرىيە بىلەن تولغان جاي ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.

       ئامېرىكىنىڭ كومپيۇتېر بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتى CBT Nuggets نىڭ  تەتقىقات خادىملىرى ئىشخانىلاردا دائىم ئىشلىتىلىدىغان مائۇس، كۇنۇپكا تاختىسى، سېزىمچان تاختا، يانفون ۋە كىرىش-چىقىش كارتىسىدىن ئىبارەت بەش خىل بۇيۇمدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئۇلاردىكى باكتېرىيە سانىنى تەكشۈرگەن، نەتىجە ئادەمنى چۆچۈتكەن.

       تىرىك باكتېرىيە سانىنى CFU ئارقىلىق ئىپادىلىسەك، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۇنۇپكا تاختىسىدا 3 مىليون 543 مىڭ CFU، يانفوندا 1 مىليون 600 مىڭ CFU، مائۇستا 1 مىليون 370 مىڭ CFU بار ئىكەن، ئەڭ مەينەت بولغىنى كىرىش-چىقىش كارتىسى بولۇپ، 4 مىليون 620 مىڭ CFU بار ئىكەن. 

       تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بىخ سپورا تاياقچە باكتېرىيەسى، گرام مۇسبەت باكتېرىيەسى، گرام مۇسبەت تاياقچە باكتېرىيەسى، گرام مەنپىي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل ۋىرۇس ئىشخانىلارغا «ھۇجۇم» قىلىپ، ئادەملەرنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشى، زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىشى، ئانتىبىيوتىك دورىغا چىدامچانلىق ھاسىل بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىدىكەن. شۇڭا، ئىشخانا خادىملىرى ئىشخانىسىنى پاكىز تۇتۇشى، باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشتىن ئەنسىرىسە كۆپ ئىقتىدارلىق سېزىمچان تاختىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، مائۇسنى ئاز ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.

    (پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز ئەۋزەل ئەلقەم تەرجىمىسى)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.