مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ئاليومىن ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولمىغان مىكرو ئېلېمېنت

    مەۋلۇدە2016-10-03 12:20:44شىنجاڭ گېزىتى

        ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

        ئاليومىن ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولمىغان مىكرو ئېلېمېنت. ئۇنىڭ تەبىئىي يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى مىقدارى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، بىز قوبۇل قىلىۋاتقان ئاليومىننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېمەكلىك خۇرۇجلىرىدىن كېلىدۇ. تەركىبىدە ئاليومىننىڭ مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر ئىنچىكە پىنتوزا، پىلتا قۇيماق، پىرەنىك، كەسمە چۆپكە ئوخشاش پىششىقلانغان تەييار يېمەكلىكلەردۇر. ئىنچىكە پىنتوزىنى پىششىقلاش جەريانىدا زەمچە قوشۇلىدۇ، زەمچىنىڭ تەركىبى ئاليومىن سۇلفات بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنچىكە پىنتوزىدا ئاليومىننىڭ مىقدارى باشقا يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.

        ئۇنداقتا ئادەم بەدىنى ئۇزاق مۇددەت ئاليومىن بىلەن ئۇچراشسا ياكى يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىۋاتقان ئاليومىننىڭ مىقدارى زىيادە كۆپ بولسا قانداق تەسىر پەيدا قىلىدۇ؟

        ئادەم بەدىنىگە كۆپ مىقداردا ئاليومىن يىغىلىپ قالغاندا، كۆپىيىش سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى زەھەرلەش رولىنى ئوينايدۇ. تەجرىبە تەتقىقاتىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، ئاليومىن بالا ھەمراھى توسىقى ئارقىلىق ھامىلە تېنىدە يىغىلىپ قېلىپ ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. ئاليومىننىڭ ئۆي چاشقىنى تۆرەلمىسىنىڭ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبە نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاليومىن تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشى ۋە مورفولوگىيەلىك بۆلۈنۈشنى كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچراتقان، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۆرەلمە شەكلىدە غەيرىيلىك يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان.

        ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئاليومىن بىلەن زىيادە كۆپ ئۇچراشقاندا، نېرۋا سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باش ئاغرىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئۇيقۇسىزلىق ۋە كەيپىياتى تۇراقلىق بولماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئاليومىننىڭ قوبۇل قىلىنىشى زىيادە كۆپ بولسا ئۈچەي يولىدىكى فوسفورنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، شۇنىڭدەك قاندىكى فوسفورنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، سۆڭەكتىكى كالتسىي مىقدارىنىڭ سوغۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

        

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.