مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ئورۇقلاشتا مەغلۇب بولۇش چوڭ مېڭە بىلەن مۇناسىۋەتلىك

    زاھىدە2016-09-06 10:41:07تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 4-سېنتەبىر خەۋىرىگە قارىغاندا، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، چوڭ مېڭە يوشۇرۇن ئېڭىنىڭ كونتروللۇقى سەۋەبىدىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ «ئۆلچەم» دائىرىسى بولىدىكەن، بۇ «ئۆلچەم» دائىرىسىدىن يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشنى ساقلاش قىيىن ئىكەن.

       ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، %41 كىشى ئورۇقلاشتا مەغلۇب بولۇپ، تەخمىنەن 5 يىلدىن كېيىن بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇنىڭ «باش جىنايەتچىسى» دەل چوڭ مېڭە ئىكەن، چۈنكى چوڭ مېڭە بەدەننىڭ ئاچ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ھەممە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بەدەن ئېغىرلىقىنى بەلگىلىك دائىرىدە ساقلايدىكەن. بۇ دائىرە ئادەمگە قاراپ ئوخشاش بولمايدىكەن، بۇ گېنغا ئاساسەن بەلگىلىنىدىكەن، يەنە كېيىنكى تۇرمۇش ئادىتى تەسىرىگىمۇ ئۇچرايدىكەن.

       چوڭ مېڭە بەلگىلىگەن بەدەن ئېغىرلىقنى قانداق بىلىمىز؟ تاماق ئازايتىشتىن ۋاز كېچىپ، «بىۋاسىتە سېزىم ئارقىلىق يېيىش» نى سىناپ كۆرۈڭ. قورسىقىڭىز ئاچسا تاماق يەڭ، تويسىلا توختاڭ. بەدەن ئېغىرلىقىڭىز 6 ئايدىن 12 ئايغىچە چوڭ مېڭە بەلگىلىگەن ئېغىرلىق دائىرىسىدە بولىدۇ.

       مۇۋاپىق دەرىجىدە چېنىقىپ بەرگەندە چوڭ مېڭە بەلگىلىگەن بەدەن ئېغىرلىقى دائىرىسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. چېنىققاندا ئىسسىقلىق خورايدۇ، موسكۇل كۆپەيگەندىن كېيىن، تېخىمۇ كۆپ ئىسسىقلىق خورايدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي، چېنىققاندا بېسىمنى ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھورمۇن جەھەتتە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.