مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ساغلاملىق بىلىملىرى

    ناشتىدا تۇخۇم يېسىڭىز...

    توخنىياز ئىسمائىل2016-08-26 13:27:46تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئاقسىل تولۇقلايدۇ: تۇخۇمدا ئاقسىل ئامىنو كىسلاتاسى مول، تۇخۇمدىكى ئاقسىلنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشى باشقا يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا يۇقىرى.

       ئورۇقلاش: ناشتىدا تۇخۇم يېسە بىر كۈندىكى ئومۇمىي ئىسسىقلىق سۈمۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى تىزگىنلىگىلى ھەم زېھنىي كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

       ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى: توخۇمدا خولىن مول، ئۇ چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق ماددا، شۇنداقلا ھۈجەيرە پەردىسىدىكى مۇھىم تەركىب بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

       سەزگۈرلۈك: تۇخۇمدىكى ئامىنو كىسلاتاسى ئادەمنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇڭا شوپۇرلار ناشتىدا تۇخۇم يېسە، بىخەتەر يول يۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.

       كۆرۈش قۇۋۋىتى: تۇخۇم سېرىقىدا ئوكسىدلىنىشقا قارىشى ماددا ــ كىسانتوفىل ۋە كۆممېقوناق سېرىق ئېلېمېنتى بار، ئۇ كۆزنى ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلايدۇ ۋە كۆزگە ئاق چۈشۈش خەتىرىدىن ساقلايدۇ. كومپيۇتېر ئالدىدا كۆپ ئولتۇرىدىغانلار ناشتىدا تۇخۇم يېسە، كۆز چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

    «ساغلاملىق ۋاقتى گېزىتى»دىن ئېلىندى

    زۇلخۇمار ئوسمان تەييارلىدى     

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.