مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئانا سۈرتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاقلار سۇ تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىقمۇ؟

    زاھىدە2016-08-08 12:13:27شىنجاڭ گېزىتى

    ئېرفانجان ياسىن

       بەزى كىشىلەر ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان بوۋاقلارغىمۇ چوقۇم ئۇسسۇزلۇق ئىچكۈزۈش كېرەك، چۈنكى بۇنىڭدا بىرىنچىدىن، بوۋاقلاردا ئۇسسۇزلۇق ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى؛ ئىككىنچىدىن، بوۋاقلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى؛ ئۈچىنچىدىن، بوۋاقلاردىكى قەۋزىيەتنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

       دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئانا سۈتىدە بېقىلىۋاتقان ئالتە ئايلىق بولمىغان بوۋاقلارغا ھاۋا ئىسسىق بولغان تەقدىردىمۇ ئۇسسۇزلۇق ئىچكۈزمەسلىك كېرەك، ئەگەر ئۇلارغا ئۇسسۇزلۇق ئىچكۈزسە ئىچى سۈرۈش، ئوزۇقلىنىشى ناچارلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، دەپ قارايدۇ. چۈنكى، سۇنىڭ پاكىز بولماسلىقى سەۋەبىدىن بوۋاقلارنى ئاغرىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئانا سۈتى تەركىبىدە %80تىن ئارتۇق سۇ بولىدۇ، شۇڭا، ئانىلار بوۋاقلار ئۇسسىغاندا ئەمدۈرسىلا كۇپايە.

       بالىلار دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئانا سۈتىدە بېقىلغان بوۋاقلاردا جىددىي خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش ئەھۋالى بولمىسا ئالدىراپ سۇ تولۇقلىماسلىق كېرەك. بوۋاقلارغا سۇ تولۇقلاشتا ئالدى بىلەن سۈيدۈكىنىڭ رەڭگىگە قاراش كېرەك، ئەگەر سۈيدۈكى رەڭسىز ياكى سۇس سېرىق رەڭدە بولسا، تېنىدە سۇنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى، سۇ تولۇقلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئاز مىقداردا سۇسىزلانغاندا كۆپرەك ئەمدۈرۈش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ساغلام بولغان بوۋاقلارغا مېۋە سۈيى ۋە باشقا سۇيۇق ئىچىملىكلەرنىمۇ ئىچكۈزمەسلىك كېرەك.

       دەسلەپتە تىلغا ئېلىنغان ئۈچ مەسىلىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ، چۈنكى، بوۋاقلارنىڭ ئۇسسۇزلۇق ئىچىش ئادىتى ئالتە ئايلىقتىن كېيىن تەدرىجىي يېتىلىدۇ. بالىلارنىڭ سۈت چىشىمۇ ئالتە ئايلىقتىن كېيىن چىقىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېغىز تازىلىقىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئانىنىڭ ئۇسسۇزلۇق ئىچىشى يېتەرلىك بولمىغان ئەھۋالدا، ئانا سۈتىدە بېقىلغان بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئانىلار ئۇسسۇزلۇقنى كۆپرەك ئىچىپ بەرسىلا، بوۋاقلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىشنىڭ ھاجىتى بولمايدۇ.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.