مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئائىلە ۋە نىكاھ

    مۇھەببەتلىشىش ئىككى ياشنىڭ ئىشى، ئەمما نىكاھ...

    زاھىدە2016-07-08 15:38:31شىنجاڭ گېزىتى

    ئادىل غوجالىم

       نىكاھ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بۇرۇلۇش، ئەمما نىكاھنىڭ بىراۋنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولى ئۇنىڭ نىكاھتىن ئىبارەت بۇ ‹‹شاھمات››نى قانداق ئوينىشىغا باغلىق. ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىپ توغرا يول تۇتساق، ھاياتىمىز بەختكە تولغان بولىدۇ، يا ئۇنداق، يا بۇنداق باھانە – سەۋەبلەر بىلەن يولنى ياخشى ماڭالماي قالساق، ھاياتىمىز بەختسىزلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.

       نىكاھ بولغان ئىكەن تەبىئىي ھالدا قۇدىلىق مۇناسىۋەت بولىدۇ. بىزدە ‹‹خۇدادىن قورققۇچە قۇداڭدىن قورق›› دېگەن گەپ بار. قۇدىلىق مۇناسىۋەت تۇرمۇشتىكى ھەممە مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ نازۇك مۇناسىۋەتتۇر. مۇھەببەتلىشىش، ئۆزئارا ياخشى كۆرۈش ئىككى ياشنىڭ ئىشى، مۇھەببەتكە دەز كەتسە ئىككى ياش قارىمۇقارشى ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ كېتىشى ياكى بولمىسا يېڭى ھەمراھ ئىزدىشى مۇمكىن. ئەمما نىكاھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندە ئىش ئۇنداق بولماي قالىدۇ. بۇ چاغدىكى ئىشلار ئىككى جەمەتكە باغلىنىشلىق بولۇپ قالىدۇ. قىلدىن قىيىق كەتتىمۇ بولدى، بۇ مەڭگۈلۈك ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

       ئەمەلىيەتتە نىكاھ تۇرمۇشى تۇرمۇش ئۆگىتىدىغان، كەسىپ ئۆگىتىدىغان بىر مەكتەپ. ئادەم ياشلىق دەۋرىدە نىكاھتىن ئىبارەت بۇ داغدام ۋە ئەگرى توقاي يولغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ تاكى قېرىغىچە بۇ ھاياتلىق مەكتىپىدە ئۆگىنىدىغان نەرسىلەر ھەقىقەتەن كۆپ. نىكاھتىن كېيىن ئەر – خوتۇن ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا بىر ئائىلىنى باشقۇرۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

       ھازىر مۇرەككەپ بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا، نۇرغۇن كىشى تۇرمۇشتا قاتتىق چارچىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ھاياتقا تۇتقان ئۆلچىمى ئوخشاش بولمايدۇ. سەل دىققەت قىلمىغاندا كىشىلەرنىڭ قىرىغا بىلىپ – بىلمەي يانچە تېگىپ قالىمىز، شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئىشمۇ كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىپ قويىدۇ، بەزىدە كىشىلەر نىكاھ تۇرمۇشىدىن ئاغرىنىپ زارلانغاندا ئۆزىنى مۇھەببەتنىڭ قەبرىستانلىقىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، تۇرمۇشتىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا سەۋر – تاقەت قىلىش ۋە كەڭ قورساق بولۇش زىددىيەتنى پەسەيتىپلا قالماستىن، بەلكى ئىناقلىقنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ جەھەتتە كېلىنلەرنىڭ ئوينايدىغان رولى ناھايىتى چوڭ. ئادەتتە ئەرلەر بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمىز. ئەمەلىيەتتە تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولى تولىمۇ مۇھىم.

       ئايال ئېرىدىن ياكى قېيىنئانىسىدىن كۆڭلى ئاغرىپ، دىلى ئازار يەپ قالسا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى، ئىشنىڭ ئاق – قارىسىنى پەرقلەندۈرۈشى، ئېرىدىن ياكى قېيىنئانىسىدىن ئاغرىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

       بىر ئانا يېڭى توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي نىكاھ تۇرمۇشىدا ئازراق كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىغان قىزىغا تەسەللى بەرمەكچى بولۇپ، بىر ئانارنىڭ پوستىنى ئاز – ئازدىن سويۇپ، كۆز ئالدىدىكى دانە – دانە زىچ ئۇيۇشقان دانچىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:

       ــ قىزىم، قاراڭ ئانارنىڭ دانىسىنىڭ ناھايىتى زىچ، بىرمۇ بوش ئورۇننىڭ يوقلۇقىنى كۆرگەنسىز، بىر جەمەت مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، بۇ ئانار ھەر بىر ئادەمنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىغا ئوخشايدۇ. ھەممىلا ئادەمنىڭ ئالغۇسى ۋە يېگۈسى كېلىدىغىنى پوستى ئەمەس، بەلكى ئۈنچىدەك دانىسى. ئەمما ئانار دەرەختە چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، باققالنىڭ قولىدا سېتىلغىچە پوستى ۋە دانىسى مەڭگۈ بىر پۈتۈنلۈك ھالەتتە سېتىلىدۇ.

       ئانا قىزىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ:

       ــ قىزىم ئەگەر يەنىلا ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك ياشاشنى ئويلىسىڭىز، سەۋر – تاقەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۆرۈشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك.

       بىزنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىمىزمۇ ئانارنىڭ دانىسىدەكلا زىچ تۈزۈلگەن. سىز يالغۇز ئۆزىڭىز سۆيگەن ئادىمىڭىز بىلەنلا توي قىلماي، يەنە سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ ئارقىسىدىكى سىيمالار بىلەنمۇ ‹‹توي›› قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى، ئۇلار سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ بىر قىسمى. شۇڭا ئەگەر سىز ئۇنى سۆيىدىكەنسىز، پەقەت ئۇنىلا ياخشى كۆرۈپ قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق ئاتا – ئانىسى، قېرىنداشلىرىنى ياخشى كۆرۈشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىز ياخشى كۆرگەن كىشى بىر سىزگىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماستىن، ئۇ يەنە ئاتا – ئانىسىغا ۋە قېرىنداشلىرىغا مەنسۇپ بولغان بولىدۇ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى ئاشۇ ئادەملەر ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىزنىڭ ھاياتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. ئەگەر سۆيگەن ئادىمىڭىزنىڭ سۆيگۈسىدىن ۋاز كەچمەسلىكنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا ئوخشاشلا تېخىمۇ قىزغىن مۇھەببەت بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيۈڭ.

       مېھىر – مۇھەببەت ئۆزئارا سىڭىشىپ تۇرىدۇ. سىز بەدەل تۆلىگەن بىلەن مۇناسىپ جاۋابقا، كۆڭۈلدىكىدەك مەنپەئەتكە ئېرىشىسىز. سىز قارشى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى سۆيسىڭىز، سىزمۇ بىر توپ كىشىنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىسىز. بۇنداق مۇھەببەت ئاشىق – مەشۇق سۆيگۈسىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن نەچچە ھەسسە ئۇلۇغدۇر.

       نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى خاپىلىقتىن قۇتۇلاي دېسىڭىز، سۆيگۈ ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، قارشى تەرەپنى ‹‹سىزىقىمدىن چىقمايدىغان›› قىلىۋېتىمەن دەيدىغان نىيىتىڭىزدىن ۋاز كېچىڭ؛ ئائىلىدىكى گەپ تەگىشىشلەردە يېڭىمەن دېسىڭىز، ئالدى بىلەن يېڭىلىپ بېرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ! ئىناق تۇرمۇش قۇرۇش مانا مۇشۇنچىلىك ئاددىي.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.