مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئائىلە ۋە نىكاھ

    نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ يۆنىلىش تۇيغۇسى ئاياللاردىن كۈچلۈك بولىدۇ؟

    ئامانگۈل2016-06-20 15:56:53شىنجاڭ گېزىتى

       ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، ئەرلەرنىڭ يۆنىلىش تۇيغۇسىنىڭ ئاياللاردىن كۈچلۈك بولۇشى ئۇلارنىڭ نىشاننى ئىزدىگەندىكى چوڭ مېڭىسىنىڭ ئىشلەش ئورنىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بولىدىكەن. ئەرلەر كۆپىنچە جەنۇب – شىمال، غەرب – شەرق دېگەندەك چوڭ يۆنىلىشلەرگە تايىنىپ يۆنىلىش بەلگىلىسە، ئاياللار كونكرېتنى بەلگە جىسىملارغا تايىنىپ يۆنىلىش بەلگىلەيدىكەن. چوڭ مېڭىدە ھاسىل قىلىنغان ماگنىت رېزونانىسلىق تەسۋىردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۆنىلىش بەلگىلىگەندە ئەرلەر چوڭ مېڭىسىدىكى سەقەنقۇر تەنچىسىنى كۆپرەك ئىشلىتىدىكەن، ئاياللار بولسا ئالدى ماڭلاي رايونىنى كۆپرەك ئىشلىتىدىكەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئەر – ئاياللاردىكى يۆنىلىش بەلگىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، قەدىمكى زاماندا ئەرلەر ئوۋ ئوۋلاشقا، ئاياللار يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولغاچقا، ئەرلەرنىڭ ئۆينى تېپىشى تېز، ئاياللارنىڭ ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تېپىشى تېز بولىدىكەن.

    كېرەمجان ئىبراھىم (ت)

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.