مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئاتا-ئانىلار سەمىگە:

    پەرغانە2016-02-02 13:25:15تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئاتا–ئانىلار كېچىدە بالىنى ئەمدۈرۈش، سۈيدۈك لاتىسىنى ئالماشتۇرۇشقا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، چىراغنى ياندۇرۇپ قويۇپ ياتىدۇ. بۇنداق قىلىش بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز.

        كېچىدە چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاپ ئادەتلەنگەن بوۋاقلاردا ئۇيقۇسىزلىق پەيدا بولغاندىن باشقا ئېمىش ۋاقتى قاتارلىق جەھەتلەردە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر يېڭى تۇغۇلغان 10 نەپەر بوۋاقنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئايرىم–ئايرىم كۆزەتكەن. نەتىجىدە كېچىسى چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلىغان ئۆيدىكى بوۋاق بىلەن چىراغنى ياندۇرۇپ قويغان ئۆيدىكى بوۋاقنى سېلىشتۇرغاندا، ئالدىنقىسىنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى ئۇزۇن، ئېمىش ۋاقتى قىسقا بولغان، بۇنداق بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىمۇ تېز بولغان.

    ـــ ماتېرىيالدىن