مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    خانىم – قىزلار

    ئاياللار نېمىشقا قورقۇنچلۇق چۈشنى كۆپ كۆرىدۇ؟

    پەرغانە2016-02-01 17:43:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        يېقىندا ئەنگلىيەلىك پىسخىكا ئالىمىنىڭ بايقىشىچە، كېچىدە قارا بېسىپ ئويغىنىپ كېتىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ئىكەن. تەتقىقاتتا 193 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى (100 ئايال، 93 ئەر) نى تەكشۈرۈپ، %19 ئەرلەر كېچىدە قارا باسقانلىقىنى دوكلات قىلغان، ئەمما قارا باسقان ئاياللار %30 كە يەتكەن. ئاياللارنى كۆپرەك قارا بېسىشنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ھەيز مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقتىن ئۇلاردا ئۇخلىغاندا قارا بېسىش ئالامەتلىرى كۆپ كۆرۈلىدىكەن؛ يەنە بىرى، ئاياللارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىدىن ئىكەن. ئاياللار مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ھېسسىياتقا، ئۆز خاھىشىغا تايىنىدىغان بولۇپ، شۇڭا ئۇلار چۈش كۆرگەندە بىۋاستە ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن.

    ـــ ماتېرىيالدىن