مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    بوۋىقىم تېخىمۇ ئەقىللىق بولسۇن دېسىڭىز...

    پەرغانە2016-02-01 17:38:28تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئادەتتە كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بوۋاقنى ئېمىتىدۇ. ئەنگىلىيە تۇنجى قېتىملىق ئېمىتىش ۋە ئەقىل بۆلۈنمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، بۇ خىل «ئۆز ۋاقتىدا ئېمىتىش ئۇسۇلى» ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، بوۋاقنىڭ «ئېھتىياجىغا قاراپ بېقىش» تېخىمۇ ئىلمىي ئىكەن. بوۋاق چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئەقىل بۆلۈنمىسى ۋە نەتىجىسىمۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېمىتكەن بوۋاققا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىكەن.

        ئانا سۈتىدە كۆپ خىل بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ ماددا بار، بولۇپمۇ «تائۇرىن» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، مېڭە ھۈجەيرىسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇپ، نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ بۆلۈنۈشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا سۈتىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەرەققىياتىغا ياردىمى بار ئىكەن. ناۋادا بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئەمدۈرسە، فىزىيولوگىيەلىك تەلەپكە مۇۋاپىق كېلىدىكەن. سۈت بولسا بوۋاقنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئاجرىلىپ چىقىدۇ، ھالبۇكى بۇ ئېھتىياج ئېمىشنىڭ تەكرارلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئېمىش تەكرارلىقى، ئانىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى بىلەن ئۆزىنىڭ تېز سۈرەتتە يېتىلىش ھاجىتىنى قانائەتلەندۈرىدۇ، ئانىنىڭ سۈت مىقدارى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن، پەرۋىش ۋاقتىدىمۇ بەلگىلىك قانۇنىيەت شەكىللىنىدۇ، بۇ خىل قانۇنىيەت ھەر بىر ئانا-بالىنىڭ ئۆزىگە خاس بولۇپ، ھەممە بالىغا ماس كېلىۋەرمەيدۇ.

    ـــ ماتېرىيالدىن