مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئوماق قوزام

    ئاتا – ئانىلار بالىلارنى ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك

    پەرغانە2016-01-28 17:47:12تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

       ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى ۋە ئائىلىلەر ماددىي تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بالىلاردا خاتا ئىستېمال خاھىشى باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. مەسىلەن: بەزى ئوقۇغۇچىلاردا يېمەك – ئىچمەك ئىستېمالىدا ئېلانغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىستېمالىدا داڭلىق ماركىلارنى قوغلىشىش، ئادەمگەرچىلىك ئىستېمالىدا دوست – بۇرادەر، چوڭلارنى دوراش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش ئىستېمالىدا چولپانلارغا تەقلىد قىلىش خاھىشى مەۋجۇت. ئاتا – ئانىلار بەزىدە بالىلارنى زىيادە ئەتىۋارلاپ، ئۇلارنىڭ ئورۇنسىز تەلەپلىرىنىمۇ قاندۇرىدۇ.

        بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە بەتخەجلىك قىلمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش ئۇلاردا مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنىڭ بالدۇر يېتىلىشىگە پايدىلىق. ئاتا – ئانىلار بالىلارغا توغرا ئىستېمال قارىشى ۋە مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارى توغرىسىدا تەربىيە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكى ۋە نېمىنى سېتىۋېلىش كېرەكلىكىنى پەرقلەندۈرۈشكە يېتەكلەش، دائىم ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، بالىلارغا ئائىلە ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، ئائىلە ئىشلىرى توغرىسىدا بىرلىكتە قارار چىقىرىپ، ئائىلە كرىزىسى ۋە ئاۋارىچىلىكلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، بالىلارغا نەرسىلەرنىڭ قىممەت ياكى ناچارلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلاردا پۇلنى ئورۇنلۇق يەرگە خەجلەيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    ـــ ماتېرىيالدىن