مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئائىلە ۋە نىكاھ

    سۆيگۈ ۋە نىكاھنىڭ تەمى

    پەرغانە2016-01-27 17:51:29تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        سۆيگۈ ۋە نىكاھنىڭ تەمى كۆپ خىل بولىدۇ، بەزىلىرى ناھايىتى تاتلىق، بەزىلىرى ناھايىتى قىرتاق بولىدۇ:

        ئاتا – ئانىڭىز ياقتۇرمايدىغاننى سۆيسىڭىز، تەڭلىكتە قالىسىز، تۇغقاندارچىلىق بىلەن مۇھەببەت ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ياخشى باغلىنىش نۇقتىسىنى تېپىشىڭىز تەسكە توختايدۇ.

        ئۆزىڭىزدىن چىرايلىقنى سۆيسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى كۆزلەردىن ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

        سىزنى سۆيىدىغاننى سۆيسىڭىز، ئۆزىڭىزنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلىسىز، ئەمما ئۇنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقىنى تېپىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلىسىز.

        ئۆزىڭىزدىن ئەقىللىقنى سۆيسىڭىز، ئىنتايىن كۆڭۈللۈك بولىدۇ، ئەمما ئۆزىڭىزنى كەمسىتىش ئېڭى پەيدا بولىدۇ.

        باشقىلارغا باھا بېرىشكە ئامراقنى سۆيسىڭىز، تولىمۇ ئاۋارىچىلىك بولىدۇ، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ماتېرىيالىغا ئايلىنىپ قالىسىز.

    ـــ ماتېرىيالدىن