مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۆي زىننەتلەش

    ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى نەملىكتىن ساقلاڭ

    ئامانگۈل2014-01-08 15:05:15تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

      ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنى نەملىكتىن ساقلاڭ . نەملىك ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى.  چۈنكى نەملىك ئېلېكتر دېتاللىرىنىڭ ئىزولياتسىيىلىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئۇنىڭ نورمال ئىشلىشىگە تەسېر يەتكۈزىدۇ. ھەتتا دېتاللار ئارا ئۆز ئارا قىسقا تۇتۇشۇپ قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە ھەر خىل دېتاللارنى چىرىتىپ ، ئۇلارنىڭ ئۈستىنى بىر قەۋەت دات بېسىپ ، كەپشەرلەنگەن نۇقتىلارنى بۇزۇپ تاشلايدۇ . شۇڭا نەملىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ناھايىتى مۇھىم .

       تۇرمۇشتا نەملىكتىن ساقلىنىش بەك تەس ، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئېلېكتر سايمانلىرى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن ئۆيدىن تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى ئۆيگە ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن ، ئىسسىق–سوغوق تەسىردىن ئاسانلا نەملىشىدۇ . بەزىدە ئۆيدىن تامچە ئۆتۈپ كېتىپ ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ ئىچىگە سۇ كىرىپ كېتىدىغان ئىشلار بولىدۇ . بۇنداق چاغلاردا ئېلىكتېر سايمانلىرىنىڭ ئىچى –سىرتىنى سۇ شۈمۈرىدىغان قەغەز بىلەن ئاۋايلاپ سۈرتكەندىن كېيىن ، ئاندىن توك مەنبەسىگە ئۇلاش كېرەك. ئالدىراپلا توكقا ئۇلاپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ ئىچكى توك يوللىرىدا قىسقا تۇتىشىش يۈز بېرىپ، كاردىن چىقىشى مۇمكىن .