مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    ئۆي زىننەتلەش

    ئۆي بېزەشتە چوقۇم دىققەت قىلىدىغان تۆت نۇقتا

    بۇئايشەم2013-04-08 17:26:22شىنجاڭ گېزىتى

        1 . تېلېۋىزور قويىدىغان ئورۇننىڭ ئاددىي، يارىشىملىق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئۆي بېزىگەندە نۇرغۇن ئائىلىلەر تېلېۋىزورنى مېھمانخانا ئۆيدىكى كۆزگە ئەڭ چېلىقىدىغان ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈن زېھنىنى سەرپ قىلىدۇ. بۇنچىلىك قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەتتە تېلېۋىزور قويىدىغان ئىشكاپنى ئاددىي، يارىشىملىق بېزەپ، مېھمانخانا ئۆيدىكى بوشلۇقنى ئازادىلىككە ئىگە قىلىش كېرەك.

        2 . تاختاي (پول) ياتقۇزۇشتا دىققەت قىلىش كېرەك. بىر ئۆي ئادەتتە تۆت تام ۋە بىر پولدىن تۈزۈلىدۇ، ئۆي تېمىغا ئارتۇقچە ھەشەم قىلىۋېتىشتىن ساقلىنىپ مۇۋاپىق باھادىكى بوياق ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىپ بېزىگەندە، نۇرغۇن پۇل تېجىلىدۇ، شۇ پۇلغا چىداملىق، تەبىئىي ۋە كۆركەم تاختاي سېتىۋېلىپ يەرگە ياتقۇزغاندا، ئۆي ئېچىلىپ جەلپكارلىقى ئاشىدۇ.

        3 . ئاسما چىراغنى ئۆينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ئىشلىتىش لازىم. ھازىرقى ئۆيلەرنىڭ يەر بىلەن تورۇسىنىڭ ئارىلىقى ئانچە ئېگىز بولمىغاچقا، قارىغۇلارچە باشقىلارنى دوراپ ئاسما چىراغ ئاسقاندا، ئۆي ئىچى بوشلۇقى تەسىرگە ئۇچراپ، ئادەمگە كەڭ – كۇشادىلىق تۇيغۇسى بەرمەي، ئەكسىچە بىئارام قىلىپ قويىدۇ، شۇڭا ھازىر نۇرغۇن ئائىلە ئاسما لەمپىسىنى ئېلىۋېتىپ، ئۆي ئىچى بوشلۇقىنىڭ كەڭرى بولۇشىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

        4 . ‹‹يۈزى چۈشۈش››تىن قورقماي، ئەمەلىيەتچان بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئىلگىرى نۇرغۇن ئائىلە يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ھۇجرىنى بېزەشكە ئارتۇقچىلا زېھىن ۋە پۇل ئىسراپ قىلىۋېتىدىغان ئەھۋال بار ئىدى، ئەمەلىيەتتە، ھۇجرا بېزەشتە كارىۋات ھەم ياپقۇچ، پەردىنى ياخشى تاللاش ئازادىلىككە ئەھمىيەت بېرىش، رەڭلەرنى دەم ئېلىش ۋە ئۇيقىغا پايدىلىق قىلىپ تاللاش مۇۋاپىق.

        ئىسكەندەر ئەنۋەر تەرجىمىسى