مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بۈگۈنكى كىنو

    « ئامەتلىك تېكەس» فىلىمى كېلەر يىلى يازدا سىنغا ئېلىنىدۇ

    ئامانگۈل2012-12-10 15:03:23تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

        ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات ئامانيار خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ، تېكەس ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە ، جياڭسۇ « خۇاخوڭ » گۇرۇھى قارمىقىدىكى فىلىمگە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئولى تېكەس ناھىيەسىگە كېلىپ ، « ئامەتلىك تېكەس » فىلىمىنى ئىشلەش خىزمىتىنىڭ تەيارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، تېكەس ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى ، تارىخىي مەدەنىيىتى ، مىللىي ئۆرپ- ئادەتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدىغان بۇ فىلىم كېلەر يىلى 5- ئايدا رەسمىي سىنغا ئېلىنىدىكەن .

       ئىگىلىنىشچە ، تېكەس ناھىيەسى بىلەن جياڭسۇ ئۆلكىسى بىرلىشىپ ئىشلەيدىغان « ئامەتلىك تېكەس »  فىلىمگە 15 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن بولۇپ، فىلىم كېلەر يىلى 5- ئايدا سىنغا ئېلىنىپ، 12- ئايدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن .