مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    بۈگۈنكى كىنو

    ‹‹ قارلىق قاراقۇرۇم ›› مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى

    ئامانگۈل2012-04-17 10:19:04تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

      شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى شىنجاڭ شۆبە ئاگېنتلىقى ، لەنجۇ ھەربىي رايونى فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە مەركىزى، تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىدارە–ئورۇنلار بىرلىكتە ئىشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ‹‹ قارلىق قاراقۇرۇم ›› 16-ئاپرېل كەچ سائەت 23:37 ئۆتكەندە، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1-يۈرۈش قانىلىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى جەمئىي 28 قىسىم بولۇپ، بۇ، بارلىقىنى ئازادلىق ، قوغداش ۋە قۇرۇشقا ئاتا قىلغان ئالىي رايونىدىكى بارلىق كىشلەرگە بېغىشلانغان.

       ‹‹ قارلىق قاراقۇرۇم ›› 2010-يىلى 10–ئۆكتەبىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدە رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى سۈرەتكە ئېلىش تاماملانغان.