مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، مىننەتدارلىق ھېسسىياتىم بىلەن ياشلىق باھارىمنى تەقدىم قىلىمەن

    ئامانگۈل2017-10-12 10:54:19شىنجاڭ گېزىتى

    قاراماي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئەكرەمجان تۇرسۇن

      ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرىمنى ئەسلىسەم، ئۇنى ‹‹مىننەتدارلىق›› دېگەن بىرلا سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. مېنى گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەنگە، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

      پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، 2000–يىلى 9 –ئايدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەردە ئىلغار مائارىپتىن بەھرىلىنىش ئارزۇسى ئىشقا ئاشتى. مەنمۇ تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن 2002–يىلى ئارزۇيۇم بويىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇشى شەھىرىدىكى ‹‹چىڭشەن›› تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتۈم، 2006–يىلى يەنە خۇنەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندىم.

     ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلىسەم، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى، ئېرىنمەي ئۆگىتىدىغان ياخشى ئوقۇتقۇچۇم بولغاچقا، بەختلىك ھالدا ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپ، تېخىمۇ رەڭدار سىرتقى دۇنيانى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، شۇنداقلا كەلگۈسىمگە بولغان ئۈمىدىم تولۇپ تاشتى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە ياردىمىنىڭ تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭلىق بالىنىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى گۈزەل ئىستىقبالغا ئىگە قىلغانلىقىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.

     پارتىيەنىڭ ھىممىتىگە ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرىمەن. مەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مېنى تەربىيەلىگەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، خىزمەتكە قاتناشقان بىرىنچى يىلى پارتىيە تەشكىلاتىغا ئىلتىماس سۇندۇم، چۈنكى، ھاياتىمنى ئاتا – ئانام بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۈگۈنكى بارلىقىمنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىمەن، پارتىيەگە ئەزا بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك شەرەپلىك بۇرچۇم. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقى ۋە بەرگەن تەربىيەسى ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈش سىياسىتىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى.

     قارامايلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتۇمدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇم. يۇرتۇم قاراماي تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، جۇڭگودىكى مۇھىم نېفىت – خىمىيە بازىسى، مەملىكەتلىك ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات سىناق رايونى، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈلگەن شەھەر ۋە ئايلانما ئىقتىساد سىناق نۇقتىسىغا ئايلاندى، تەرەققىياتنىڭ ئۇچقاندەك تېز بولۇۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، شاڭخەي شەھىرى ‹‹ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قارامايغا ياردەم بېرىش›› پىلانىنى يولغا قويدى، شاڭخەيلىك ئىختىساسلىقلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، قاراماي شەھىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە ھەقىقىي ئۆزلىشىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى ۋە ياخشى كەسپىي ساپاسى بىلەن، قاراماي شەھىرىنىڭ ساياھەتچىلىك، داۋالىنىش، مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىرىشىپ تۈرتكە بولدى. بۇ نەتىجىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ غېمىنى يەيدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا چەكسىز غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بىز بۈگۈنكى ئىتتىپاق، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك، مەن مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى باشتىن – ئاخىر قوغدايمەن.  ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بارلىقىمنى بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىدىيەدە يادرونى تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولىمەن؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، يېڭى نەتىجىلەرنى ۋە پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى تونۇش››نى كۈچەيتىپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولغاندىلا، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئىناق، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنەلەيدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم ۋە ساغلام ياشايدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى تولۇق تونۇشقا يېتەكلەيمەن.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.