مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت–ئېكسپورت قىلىشتىكى تۆت ‹‹يېشىل يول››نىڭ ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە

    ئامانگۈل2017-10-12 10:50:08شىنجاڭ گېزىتى

    ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالدىنقى سەككىز ئايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى ئىككى ھەسسە ئاشتى

      مۇخبىرنىڭ 10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشتىكى تۆت ‹‹يېشىل يول›› ئېچىلغاندىن بۇيان، ئۈنۈمى كۈنسېرى گەۋدىلەنگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، شىنجاڭدىكى پورتلاردىن ئېكسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 307 مىڭ 600 توننىغا، قىممىتى 2 مىليارد 440 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %20.3، %20.6 ئاشقان.

     جۇڭگو – قازاقىستان چېگراسىدىكى باقتۇ پورتىدا 2013 – يىل 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش ‹‹يېشىل يولى›› ئېچىلىپ، دۆلىتىمىز بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى يول بولۇپ قالدى. 2015 – يىلى، جۇڭگو – تاجىكىستان چېگراسىدىكى قاراسۇ پورتى، جۇڭگو – قىرغىزىستان چېگراسىدىكى ئەركەشتام پورتى، تۇرغات پورتىدا ئۈچ ‹‹يېشىل يول›› كەينى – كەينىدىن ئېچىلدى.

     باقتۇ پورتىدا ‹‹يېشىل يول›› ئېچىلغاندىن بۇيانقى بىر قانچە يىلدا ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تېز ئاشتى. 2013 – يىلى باقتۇ پورتىدىن ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 50 مىڭ توننا ئىدى، 2016 – يىلى 102 مىڭ توننىغا يەتتى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باقتۇ پورتى ئارقىلىق ئاستانا، ئالمائاتا، موسكۋا، سانكت پېتېربۇرگ، چېليابىنسكى قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ مېۋە، كۆكتات سودا بازىرىغا يەتكۈزۈلدى ھەم قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى موسكۋا ئارقىلىق ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ يەتكۈزۈلدى.

     ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئىمپورت – ئېكسپورت ‹‹يېشىل يولى››نىڭ ئېچىلىشى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ئازايدى. بۇ يول كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارىنى كۆپەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ھەم مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، ‹‹ئۈچ ئۆز ئارا››نى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشتىكى ‹‹يېشىل يول››نىڭ رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىدۇ. 

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.