مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    تەرەققىياتنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى نامايان قىلىش

    ئامانگۈل2017-10-12 10:50:06شىنجاڭ گېزىتى

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ شانلىق نەتىجىلىرى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان (2)

    مۇخبىرىمىز شى شىن

     جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىلدا رەڭدار سەھىپىلەر يارىتىلدى.

     پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9–قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە مىنىستىرلىق – كومىتېتلارنىڭ خالىس ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىدا ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى.

     تەرەققىياتتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى

     مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىش

     شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان 2 – يۇقىرى سۈرئەتلىك يول G7 بېيجىڭ – شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى، يەكەن ئايروپورتىدا ئاۋىياتسىيە قاتنىشى باشلاندى، شەرقىي جۇڭغار – شەرقىي جۇڭگو (جەنۇبىي ئەنخۇي) 1100± كىلوۋولتلۇق يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى جىددىي ئىشلەنمەكتە... 2017 – يىلى شىنجاڭ زېمىنىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولماقتا.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئارقىدا قېلىشتەك چوڭ كەمتۈكلۈكنى تۈگىتىش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنى 1 تىرىليون 500 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %50 ئاشۇرۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ شىنجاڭ تارىخىدىكى مىسلىسىز ئىش بولدى. قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئالاقە ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق تۈرلەر تۈركۈم – تۈركۈملەپ يولغا قويۇلۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا مىڭلىغان كېمە بەس – بەستە مۇسابىقىگە چۈشكەندەك قاينام – تاشقىنلىق ۋەزىيەت يارىتىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇراقلىق مۈلۈككە 453 مىليارد 47 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1 – ئورۇندا تۇرۇپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن 16 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015 – يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ياراتقان.

     2012 – يىلىدىن 2016 – يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ GDP سى 750 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن 961 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە كۆپەيدى. 2016–يىلى، شىنجاڭنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، 40 مىڭ 427 يۈەنگە يەتتى، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئوتتۇرا كىرىملىك رايونلار قاتارىغا كىردى.

     تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى، بۇ بەش يىلدا ‹‹ئۆسۈپ يېتىلىش›› جەريانىدىكى غەم – قايغۇ ۋە تىپ ئۆزگەرتىش تەخىرسىزلىكى بىرلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ‹‹تەرەققىيات سۈپىتىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىش››تىن ئىبارەت يېتەكچى ئىدىيە شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرىغا سىڭىپ كەتتى

     1–كەسىپتە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش چىڭ تۇتۇلۇپ، ئاشلىق كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز كۆلىمىنى تەڭشەش، باغۋەنچىلىكنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش چۆرىدىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قېزىلىپ، ئاشلىق ھوسۇلى ئۇدا توققۇز يىل ئاشۇرۇلدى؛

     2–كەسپتە مۇھىم نۇقتا چىڭ تۇتۇلۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشتە ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تەدرىجىي قەدەم تاشلىنىپ، نېفىتتىن باشقا سانائەت كەسىپلەرنىڭ نىسبىتى %69.6كە يەتكۈزۈلۈپ، نېفىت سانائىتىدىن ئىبارەت ‹‹بىر كەسىپ زور سالماقنى ئىگىلەش›› ئەندىزىسى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىلدى؛

     3–كەسىپنى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇش چىڭ تۇتۇلۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى جانلىنىپ، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم 2 – كەسىپتىن ئاشۇرۇلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى تۆھپە نىسبىتى %55تىن ئاشتى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش، يېڭى دەۋر ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق يەتتە چوڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپ تېز راۋاجلاندۇرۇلۇپ، GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %7 ئاشۇرۇلۇپ، كەسىپنىڭ ئىلغارلىشىش قەدىمى روشەن تېزلىتىلدى.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى تەڭ تۇتۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىنى داۋاملىق كۈچەيتتى، بۇنىڭ ئىجابىي ئۈنۈمى نامايان بولماقتا.

     شىنجاڭدا ياسالغان تۇنجى مېترو پويىزى پۈتتى، شىنجاڭ كارخانىسى تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى كەسپى ‹‹گۈللىنىش›› دەۋرىنى كۈتۈۋالدى... شىنجاڭدا مەبلەغ سېلىپ ‹‹ساقلار›› ئۆي – زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇرغان ۋېنجۇلۇق سودىگەر ۋاڭ شىلياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ھازىر ‹‹غەربىي رايون›› دېمەك پۇرسەت دېمەكتۇر.

     ئىسلاھاتنىڭ يېڭى ئۈنۈمى

     ئىسلاھات يېڭىلىقلىرى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى

     9 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، ‹‹كۆپ كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر گۇۋاھنامە – بىر كود››لۇق تەستىقلاش – تىزىملاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى شىنجاڭدا رەسمىي يولغا قويۇلدى، شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش – بېسىم ئۆزگەرتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لى جىۋېن شىنجاڭدىكى تۇنجى ‹‹12 كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلگەن، بىر گۇۋاھنامە – بىر كود››لۇق تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئالدى.

     ‹‹كۆپ كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش›› ئىسلاھاتى بۇ يىل گوۋۇيۈەن ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىدا بېكىتكەن مۇھىم ۋەزىپە، شۇنداقلا سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ. 2014 – يىلى سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى سودا – سانائەت تارماقلىرى 15 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرىنى يولغا قويدى.

     بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىسلاھات ئۇسۇلى ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلاندۇردى.

     مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشتىن ئىبارەت ‹‹ئىخچاملاش ئۇسۇلى››نى ئاچقۇچلۇق قەدەم قىلىپ، مەمۇرىي تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ‹‹ئېغىر كېسەل، ساقايماس كېسەل››لەرگە قاراتتى. ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2014–يىلىدىن 2016–يىلىغىچە، شىنجاڭ مەركەز يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشىنى بېكىتكەن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرىدىن 207نى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەستىق تۈرىدىن 791نى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تەڭشىگەن، ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك 52 تارمىقىنىڭ مەمۇرىي ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ۋە يولغا قويغان؛ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭى نۇسخىدىكى ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ بېكىتمە باھا مۇندەرىجىسى››دە، باھا بېكىتىش خىلى %47.1، باھا بېكىتىش تۈرى %39.1 قىسقارتىلغان؛ ئاپتونوم رايون بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسى ۋە يېتەكچى باھاسىنى يولغا قويغان كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇلازىمىتى خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش تۈرى 2014 – يىلىدىكى 111دىن 2017 – يىلى 42گە ئازايتىلىپ، %61.9 قىسقارتىلغان.

     ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى ‹‹ئىخچاملاش ئۇسۇلى›› بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ‹‹كۆپەيتتى››. بۇ يىل 1 – ئايدىن 8 – ئايغىچە، شىنجاڭدا ئوتتۇرىچە ھەر ئايدا 26 مىڭ بازار سۇبيېكتى كۆپىيىپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تارىختىكى ئەڭ تېز مەزگىلگە كىردى.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەمىنلەش ھالقىسى، مالىيە – باج، پۇل مۇئامىلە، باھا، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتى قاتارلىق ساھەلەردە ئاجىز نۇقتىلار تۇتۇلغان، ھەقىقىي ئىشلىنىلىدىغان بىر قاتار ئىسلاھاتلار ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى

     مەركەز كارخانىلىرىنى تەۋە جايىدا رويخەتكە ئېلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۆلكە دەرىجىلىك بالا شىركەت 16گە يەتكۈزۈلدى؛

     دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىكى 39 نازارەت، ئىدارە، 214 كارخانا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى؛

     تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، ‹‹ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش››تىن ئىبارەت بەش چوڭ ۋەزىپە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ‹‹پولات – تۆمۈر كەسپىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش›› ۋەزىپىسى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، توك باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى؛

     ئىجتىمائىي ئىشلار ئىسلاھاتى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز باشقا جايدا داۋالانغان ھەقنى راسچوت قىلىش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى، ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك دەرىجە ئايرىپ داۋالاش، يېزا ‹‹قوش تىل›› يەسلىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى؛

     يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو – ياۋروپا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىز بىرلەشمىسى قۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئەركىن سودا رايونى ئومۇمىي لايىھەسى قاراپ چىقىلدى؛

     نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش مەدەنىيەت، مائارىپ، پەن – تېخنىكا قاتارلىقلار بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلدى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش يادرو قىلىنغان جەنۇبىي شىنجاڭ ئىسلاھاتى خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى...

     بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئىسلاھات سىياسەتلىرىنىڭ بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

     ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

     ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دۇنياغا يۈزلەندى

     كۈندىلىك بۇيۇملار، ماشىنا ئۈسكۈنىلىرى، خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى لىق قاچىلانغان X9091 – قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز 10–ئاينىڭ 5 –كۈنى جۇڭگو – ياۋروپا پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى، ئۇ 40 سائەتتىن كېيىن قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىگە يېتىپ باراتتى. بۇ، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان يولغا چىققان 600 –جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىدى.

     بۇنىڭدىن تۆت ئاي ئىلگىرى، جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى شىنجاڭدىن يولغا چىقىدىغان تۇنجى تاشيول – تۆمۈريول – دېڭىز قاتنىشى بىرلەشمە تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى – ليەنيۈنگاڭ – يېڭى دېھلى) نى ماڭدۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىچىدە تۇنجى قېتىم ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بىلەن ‹‹21 – ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى››نى تۇتاشتۇردى. بۇ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكىتىمىز، ھەتتا ئاسىيا – ياۋروپانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     بۈگۈنكى شىنجاڭدا كاتتا ئۆزگىرىشلەر بولدى، شىنجاڭ بەش يىل ئىلگىرىكى يۈك تىرانسپورت يولىدىن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى يىغىش – تارقىتىش مەركىزىگە ئايلاندى، شىنجاڭدا ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ، تۆمۈريول، تاشيول ۋە پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى، دېڭىز تىرانسپورتى بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بەرپا قىلىندى.

     بۈگۈنكى شىنجاڭ مىسلىسىز كۆلەم ۋە سۈرئەتتە دۇنيانى تۇتاشتۇرۇپ، دۇنياغا يۈزلەنمەكتە.

     مەركەزنىڭ قوللىشى بىلەن، شىنجاڭ ‹‹سىرتتىن كىرگۈزۈش – ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربتىن چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە چىقىرىش›› تەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قەشقەر، قورغاستىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى كۈچەپ قۇرۇپ، تاشقى سودىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، ئىچكى – تاشقى جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

     ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتتى. دۇنيا سەھنىسىدە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئاشتى. 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سالغان كارخانا 550كە، جۇڭگو تەرەپنىڭ كېلىشىملىك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى 8 مىليارد 123 مىليون دوللارغا يېتىپ، تۈرلەر 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى. قازاقىستان، ئامېرىكا قاتارلىق 86 دۆلەت ۋە رايوندا چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى ئەمەلىي كىرىم – چىقىم كەسپى قانات يايدۇرۇلۇپ، چېگرا ھالقىغان راسچوت ئەمەلىي كىرىم – چىقىمى جەمئىي 223 مىليارد 430 مىليون يۈەنگە يەتتى.

     ئېچىۋېتىش شىنجاڭنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تىرەك بولدى. ھازىر شىنجاڭدا ئالاتاۋ پورتى، قەشقەر، ئۈرۈمچى، جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو يانداش رايونىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بار. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى تۈرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاندى، ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى دۆلەتنىڭ رەسمىي تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى... 2016–يىلى، شىنجاڭنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت – ئېكسپورت سودا سوممىسى 14 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يېتىپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %81.7ىنى ئىگىلىدى.

     ۋەزىيەت ياخشى بولۇۋاتىدۇ، پۇرسەت كەلدى، بۇ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ياخشى پەيت. شىنجاڭ يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، يېڭى نىشاننى كۆزلەپ، تېخىمۇ پۇختا قەدەملەر بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتمەكتە.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.