مۇنبەر خەۋەر تېرمىنالى مەخسۇس سەھىپە دېھقانلار تورى يانفون گېزىتى ئۈندىدار سالونى
    باش خەۋەر

    ئاممىۋى خىزمەتنى ئېتىز بېشىغىچە بېرىپ ئىشلەش كېرەك

    ئامانگۈل2017-10-11 11:21:15شىنجاڭ گېزىتى

    جۇ خەيلۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئاممىۋى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

     لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن 10–ئاينىڭ 9–كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە ئاممىۋى خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

     ئالتۇن كۈزدىكى ئۆكتەبىردە جەنۇبىي شىنجاڭدا كىشىلەر كۆممىقوناق يىغىش، پاختا تېرىش ۋە كۈزگى بۇغداي تېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. جۇ خەيلۇن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تازغۇن يېزىسى ۋە ياپچان بازىرىدا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۇدۇللا كىرىپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. جۇ خەيلۇن تازغۇن يېزىسىدىكى يولدا ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا، بىر دېھقاننىڭ تىراكتوردا پاسار توشۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ‹‹بۇ يىل قانداقراق ھوسۇل ئالدىڭلار؟ كۆممىقوناقنى يىغىپ بولدۇڭلارمۇ؟ كۈزگى بۇغداينى تېرىدىڭلارمۇ؟›› دەپ سورىدى. بۇ دېھقان مۇنداق دېدى: ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، قوناقنى يىغىپ بولدۇق، بۇ بىر نەچچە كۈندە پاسارنى ئۆيگە ئاپىرىپ، زاپاس يەم – خەشەك تەييارلاۋاتىمىز، پاسارنى توشۇپ بولساق، كۈزگى بۇغداي تېرىيمىز.

     جۇ خەيلۇن ياپچان بازىرىنىڭ تالقۇرۇق كەنتىدىكى ئۆمەرجان مەمەتنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، قورۇ رەتلىك، پاكىز ئىدى، يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان كۆممىقوناقلار ھويلىغا دۆۋىلەپ قويۇلغانىدى، قوتاندىكى 200 نەچچە قوي مەرىشىۋاتاتتى. ئۆمەرجان مەمەتنىڭ ئىككى قاچىلاش ماشىنىسى بارئىكەن، ئۇ كۆممىقوناق تېرىش، چارۋا بېقىش ئارقىلىق يىلىغا 100 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىكەن. جۇ خەيلۇن خۇشال بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى مۇشۇنداق ياخشى بولۇۋاتىدۇ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىر جۈپ قولۇڭلارغا تايىنىپ، كۈنۈڭلارنى تېخىمۇ ياخشىلىساڭلار بولىدۇ.

     كەنتتىكى ئارزۇگۈل مەمەت ئاشخانا ئاچقانىدى، تىجارىتى ياخشى بولۇۋاتاتتى، ئۇ يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيىنى بېزەشكە تۇتۇش قىلغانىدى. ئارزۇگۈل مەمەتنىڭ ئوغلى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاچقا، ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ بىئارام بولاتتى ھەم باشقىلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى خىجىل بولاتتى. بۇ ئىشنىڭ نەۋرىسىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن تېخىمۇ ئەندىشە قىلاتتى. جۇ خەيلۇن ئارزۇگۈل مەمەتكە ‹‹ئوغلىڭىز قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، لېكىن ئۆيىڭىزدىكى باشقا ھەممەيلەن بىزنىڭ ئامما. ھۆكۈمەت سىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەگەر تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقىڭلار بولسا، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى چوقۇم ئامال قىلىپ ياردەم بېرىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن نەۋرىڭىزنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىشلىرى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ›› دېدى. جۇ خەيلۇننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئارزۇگۈل مەمەت تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بالامنى ياخشى تەربىيەلىيەلمىگەنلىكىمگە ناھايىتى پۇشايمان قىلىمەن، ئەمدى ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، ئۆيۈمدىكى باشقىلارنى ياخشى تەربىيەلەيمەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرمىدىكى ئوغلۇمغا تەربىيەنى ياخشى قوبۇل قىلىپ، ياخشى ئۆزگىرىپ، بالدۇرراق قايتىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىش توغرىسىدا تەربىيە قىلىمەن.

     جۇ خەيلۇن نۇرغۇن نامرات ئائىلىگە كىرىپ، ئۇلارنى ئىتتىپاق، مۇقىم ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنتلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، كەنتتە تۇرۇش، ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى قول تۇتۇشۇپ سەمىمىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھازىر دەل كۈزلۈك يىغىمنىڭ، كۈزگى بۇغداي تېرىشنىڭ ئالدىراش پەسلى، ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھۆددىگە ئالغان، ئالاقە باغلىغان ئائىلىلەرنى ئەتراپلىق، ياخشى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئېتىز بېشىغىچە بېرىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش ئارقىلىق پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

    ئەسكەرتىش:

    تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «تەڭرىتاغ تورى›› دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.